كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خىتاينى قولغا ئېلىنغان تىبەتلىك ئۆسمۈرلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى
2007.09.21
مەركىزى نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن گەنسۇنىڭ گەننەن ۋىلايىتى لابراڭ ناھىيىسىدىكى بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قولغا ئېلىنغان 7 نەپەر ئوقۇغۇچىسىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. لابراڭ ناھىيىسىنىڭ ئامچوك بورا يېزىسىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان 14 ۋە 15 ياشلاردىكى بۇ 7 نەپەر ئوقۇغۇچى، بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى تىبەت مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان ۋە دالاي لامانىڭ تىبەتكە قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلىدىغان تام گېزىتى چاپلاش ۋەقەسى بىلەن چېتىشلىقى بار، دەپ تۇتقۇن قىلىنغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ساقچى دائىرىلىرى 7 - سېنتەبىر ئەتراپىدا تام گېزىتى چاپلاش ۋەقەسىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن ئامچوك بورا يېزىسىدىن 40 نەچچە ئوقۇغۇچىنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمىنى 48 سائەتتىن كېيىن قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ ،لېكىن يۇقىرىقى 7 نەپەر ئوقۇغۇچىنى داۋاملىق تۇتۇپ قالغان ۋە ساقچىلار تۇتقۇنلارنىڭ ئىچىدىكى 14 ياشلىق بىر بالىنى ئۇرغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مۇدىرى برەد ئادامس، " ئۆسمۈرلەرنى سىياسىي جىنايەتچى، دەپ قولغا ئېلىش تىبەتنىڭ ئەھۋالىدا قىلچىلىك ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىر بالىنى سىياسىي جىنايەتچى، دەپ ئۇرۇش خىتاينىڭ خىتاي رەھبەرلىرى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان 'ئىناق جەمئىيەت' قۇرۇشتىن بۇرۇن، قانچىلىك ئۇزۇن مۇساپىلارنى بېسىشىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە " دەيدۇ.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، دائىرىلەر بۇ ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىپ بىر قانچە ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلارنى شۇ ئەتراپتىكى لابراڭ ناھىيە بازىرىغا ئېلىپ كەتكەن. دائىرىلەر شۇ ئېلىپ كەتكەنچە ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى يوقلىشىغا رۇخسەت قىلمىغان شۇنداقلا بالىلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دالاي لاما يېقىندا كانادانى زىيارەت قىلغاندا تىبەتنىڭ دۆلەت بايرىقى چىقىرىلىدۇ
- دالاي لاما گېرمانىيە زىيارىتىدە ئانگېلا مېركېل بىلەن كۆرۈشىدۇ
- دالاي لاما ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئالىي " شەرەپ " مېدالى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ
- دالاي لامانىڭ تىبەتكە قايتىپ كېلىشىنى تەرغىپ قىلغان تىبەتلىك سوتلاندى
- بېيجىڭ، دالاي لامانىڭ ۋارىسى چەتئەلدە تۇغۇلسا ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان
- خىتاي تىبەت ئاپتونوم رايونىدا دالاي لامانىڭ تەسىرىنى تازىلاش ھەرىكىتى قوزغىدى
- سەددىچىن سېپىلىدە نامايىش ئۆتكۈزگەن تىبەتلەر چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى
- تىبەت ئەركىنلىك پائالىيەتچىلىرى سەددىچىن سېپىلىگە تىبەتكە ئەركىنلىك بېرىش ھەققىدە لوزۇنكا ئاستى
- تىبەتلىكلەر 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈردى
- سىچۈەندە دالاي لامانىڭ تىبەتكە قايتىشىنى تەلەپ قىلغان يۈزلىگەن تىبەتلىك قولغا ئېلىندى