سىچۈەننىڭ گەنزى رايونىدىكى لامالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى دەخلىگە ئۇچرىماقتا
2007.12.25
خىتاي دائىرىلىرى، بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ ئاز قالغىنىغا قارىماي يەنىلا كىشىلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە دەخلى يەتكۈزمەكتە .
خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا چىقىدىغان 4 - ئىيۇل تيەنئەنمېن ۋەقەسى تور بېتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، سىچۈەن گەنزى ئوبلاستلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەرگە قاراتقان كونتروللۇقى ئالاھىدە كۈچەيتىلگەن بولۇپ، ھۆكۈمەت خادىملىرى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ 18 ياشقا كىرمىگەن تىبەت ياشلىرىنىڭ لاما بولۇشىنى چەكلىگەن شۇنىڭدەك نۇرغۇن بۇدخانىلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ كىچىك لامالارنى بۇدخانىدىن قوغلاپ چىقارغان.
گەنزى ئوبلاستى بەييۈ ناھىيىسىدىكى بىر لامانىڭ 4 - ئىيۇل تيەنئەنمېن ۋەقەسى تور بېتىگە بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت يېقىندا 18 ياشقا توشمىغان 13 نەپەر كىچىك لامانى، بۇدخانىدىن مەجبۇرىي قوغلاپ چىقارغان. تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئۆرپ - ئادىتى بۇيىچە بالا لامالار كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا بۇدخانىغا كىرىپ بۇددىست بىلىملىرى ئىگىلەيدىكەن. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت بالىلىرىنى 18 ياشقا كىرمىگىچە بۇدخانىغا كىرەلمەيدىغان قىلىپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى توسىغان. بۇنىڭدىن سىرت يەنە لامالارنىڭ ھىندىستاننىڭ دارامسالادىكى تىبەت سۈرگۈن ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار - يوقلۇقى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ئۆز پۇقرالىرىنى دىنىي ئەركىنلىكتىن تولۇق بەھرىمەن بولماقتا دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەر قايسى دىن مۇرىتلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى ئىزچىل تۈردە چەكلەپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى دىنىي رادىكال كۈچلەر دېگەن قالپاق بىلەن ئەيىبلەپ، تۈرمىلەرگە تاشلىغاندىن سىرت ھەتتا ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالىماقتا. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان تىبەت گۈزىلى ئۆز مەنپەئەتىدىن ۋاز كەچتى
- گېرمانىيە باش مىنىستىرى دالاي لاما مەسىلىسىدە خىتايغا رەددىيە بەردى
- خىتاي، يېڭى ياسالغان تۆمۈر يولى ئارقىلىق تىبەتكە ئەسكەر ئەۋەتىشكە باشلىدى
- خىتاي : مېركېلنىڭ دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىشى بىر خاتالىق
- تىبەتتە كوممۇنىست پارتىيىدىن ئۈمىد ئۈزگەن كىشىلەر كۆپەيمەكتە
- دالاي لامانىڭ ئىتالىيىگە قىلىدىغان زىيارىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلماقتا
- دالاي لاما ئۆز ۋارىسىنى بەلگىلەش قارارىنى ئىپادىلىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى تۆت نەپەر تىبەتنى سولاققا ئالدى
- دالاي لاما ياپونىيىگە قاراتقان بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى باشلىۋەتتى