تىبەتتە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 200 دىن ئارتۇق ئادەم قولغا ئېلىندى
2008.03.06
نورۋىگىيىدىكى " تىبەت ئاۋازى" رادىئوسىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن ئاينىڭ 21 - كۈنى تىبەتنىڭ ئەندورېگوڭ رايونىدا ساقچىلار بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 200 دىن ئارتۇق تىبەتلىك قولغا ئېلىنغان، توقۇنۇش جەريانىدا ئىككى كىشى ساقچىلارنىڭ تاياق زەربىسىدىن ئېغىر يارىلىنىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تىبەت بۇددا دىنىنىڭ بىر يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان دىنىي بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئەندورېگوڭ رايونىدىكى نەچچە يۈزلىگەن تىبەتلىك يىغىلىش ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ساقچىلار تىبەتلەرنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن ئۇلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتقان ۋە زور كۆلەمدە قوراللىق ساقچى ئىشلىتىپ قولغا ئېلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.
قاتتىق باستۇرۇشقا چىدىمىغان تىبەتلىكلەر "تىبەتكە مۈستەقىللىق" "دالاي لاما ياشىسۇن" دېگەن شۇئارلارنى ۋاقىراپ، ساقچى ماشىنىلىرىغا ئوت قويۇۋەتكەن. 30 دىن ئارتۇق ساقچىنى يارىلاندۇرغان.
قولىدا ھېچقانداق قورالى بولمىغان تىبەتلەر، ساقچىلارنىڭ قاتتىق تاياق زەربىسىگە ئۇچرىغان، نۆۋەتتە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن ئىككى تىبەتلىكنىڭ كىملىكى تېخى ئېنىقلانمىغان بولۇپ، ھۆكۈمەت تىبەتلەرنىڭ قايتا قارشىلىق بىلدۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن رايوندىكى چارلاش خىزمىتىنى كۈچەيتكەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىككى نەپەر تىبەتلىك خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش يولى بىلەن ئىپادىلىدى
- سىچۈەننىڭ گەنزى رايونىدىكى لامالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى دەخلىگە ئۇچرىماقتا
- خىتاي، يېڭى ياسالغان تۆمۈر يولى ئارقىلىق تىبەتكە ئەسكەر ئەۋەتىشكە باشلىدى
- خىتاي : مېركېلنىڭ دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىشى بىر خاتالىق
- تىبەتتە كوممۇنىست پارتىيىدىن ئۈمىد ئۈزگەن كىشىلەر كۆپەيمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى تۆت نەپەر تىبەتنى سولاققا ئالدى
- خىتاي تىبەت مۇساپىرلىرىغا ئوق چىقارغانلىقىنى رەت قىلدى
- خىتاي ئارمىيىسى نېپالغا قاچقان تىبەتلىكلەرنى يەنە ئوققا تۇتتى
- خىتاي، تىبەت دىنىي رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن رۇخسەتسىز سايلىنالمايدىغانلىقىنى بەلگىلىدى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خىتاينى قولغا ئېلىنغان تىبەتلىك ئۆسمۈرلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى
- خىتاي تىبەت ئاپتونوم رايونىدا دالاي لامانىڭ تەسىرىنى تازىلاش ھەرىكىتى قوزغىدى