تىبەتتە توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا
2008.03.25
تىبەتلەرنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، دۈشەنبە كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ تىبەتلەر بىر قەدەر زىچ ئورۇنلاشقان گەرزە رايونىدا تىبەتلىك نامايىشچىلار بىلەن خىتاي ساقچى قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ئاز دېگەندە ئىككى كىشى ئۆلگەن.
مەركىزى ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىدىكى تىبەت كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مەركىزىنىڭ سەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى تىبەتلىك راھىبلارنىڭ تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بارغان نامايىشىنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، 18 ياشلىق بىر تىبەتلىك راھىبنى ئېيتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، نامايىش توقۇنۇشقا ئايلانغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دەسلەپتە تىبەتلىك نامايىشچىلار، پىچاق، تاشلار بىلەن خىتاي ساقچى قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىپ بىر ساقچىنى ئۆلتۈرگەن.
سىچۇەننىڭ تىبەت چېگرىسى يېقىنىغا جايلاشقان، گەرزە شەھىرىدە بىر نەچچە كۈندىن بېرى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە، گەرزەدە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى، تىبەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە قارىماي، ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن شۇنىڭدەك بۇ ئەھۋال 2008 - يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ھەر قانداق بىر پۇتلىكاشاڭغا ئۇچرىماي ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلغان خىتاي رەھبەرلىرىنى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرمەكتە. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياۋروپا ئەللىرىدە خىتاي ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش پىكىرى كۈچەيمەكتە
- نوبېل مۇكاپاتىنىڭ 26 نەپەر ئېرىشكۈچىسى خىتاينى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئۈندىدى
- لخاسا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى 21 نەپەر تىبەتلىك ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلدى
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بىتەرەپ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تىبەتتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى
- تىبەت مەسىلىسىدە خەلقئارا جامائەتنىڭ خىتايغا قاراتقان بېسىمى كۈچەيمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتكە يېڭى ھەربىي قىسىملار ئورۇنلاشتۇرماقتا
- ب د ت باش كاتىپى بان - كىمۇن خىتاينى تىبەتتە ئۆزىنى تۇتىۋېلىشقا ئۈندىدى
- خىتاي ساقچىلىرى تىبەتتە ئۆيمۇ - ئۆي ئاختۇرۇپ تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا
- دالاي لاما خەلقئارا جەمئىيەتنى تىبەت ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى
- خىتاي يېڭى رەھبەرلىك سىستېمىسىنى بېكىتى
- تىبەتتىكى توقۇنۇشلار كېڭەيمەكتە
- خەلقئارا جامائەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلىك نامايىشچىلارنى باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە