چىڭخەي-تىبەت تۆمۈر يولى پۈتۈپ بولدى

خىتاي ھۆكۈمىتى شەنبە كۈنى رەسمىي ھالدا چىڭخەي-تىبەت تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈنلەي تاماملىنىپ بولغانلىقىنى جاكارلىدى. مەزكۇر تۆمۈر يول، دۇنيادىكى دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىگى ئەڭ يۇقىرى بولغان ھەمدە ئومۇمىي مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن بىر تۆمۈر يول ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چىڭخەي-تىبەت تۆمۈر يولىدا كېلەر يىلىدىن باشلاپ يولۇچىلارنى ئېلىپ ماڭىدىغان پويېز قاتنايدىكەن. بۇ رايون دېڭىز يۈزىدىن بىر قەدەر ئىگىز بولغاچقا، بۇ تۆمۈر يولدىن ماڭىدىغان پويېزلاردا ئايرۇپىلاندەك، يولۇچىلاردا ئىگىز رايون ئالامىتى كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئىقتىدارغا بولىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر چىڭخەي-تىبەت تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشىنى 1950 - يىللاردىن باشلاپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، تىبەت پائالىيەتچىلىرى خىتاينىڭ بۇ قۇرۇلۇشىغا قارشى تۇرۇپ كەلدى.

ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلىرى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر قۇرۇلۇشقا سالغان مەبلىغى، خىتاينىڭ 50 يىلدىن بۇيان تىبەتنىڭ داۋالىنىش ۋە مائارىپ سىستېمىسىغا سالغان مەبلەغنىڭ 3 ھەسسە ئارتۇق ئىكەن.

تىبەت پائالىيەتچىلىرى يەنە، بۇ تۆمۈر يولنىڭ تىبەتكە تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كېلىشىگە يول ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي بۇ خىلدىكى قۇرۇلۇشىنى تىبەتتىلا ئەمەس، ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ كەڭ قانات يايدۇرىۋاتقان بولۇپ، ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلىرى تور بېتىدە كۆرسىتىلىشچە، خىتاينىڭ قەشقەرگە تۇتاشتۇرغان تۆمۈر يولىنىڭ پۈتىشى بىلەن 2001 - يىلى ئىچىدىلا قەشقەرگە كۆچۈپ كەلگەن خىتايلارنىڭ سانى ئاۋالقىدىن 30% ئاشقان. (پەرىدە)