خىتاي دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنى چىڭخەي - تىبەت تۆمۈر يولىنى تىبەت پايتەختى لخاسادىن تىبەتنىڭ 2 - چوڭ شەھىرى رىكازىغىچە ئۇزارتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رىكازى ۋالىسى جامپا فۇنسوك تىبەت تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا دائىر مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغان، ئەمما ئۇ بۇ قۇرۇلۇشنىڭ 2010 - يىلى پۈتۈدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لېكىن تىبەت تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى تەنقىد قىلغۇچىلار - تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى، بۇ قۇرۇلۇش تىبەتنىڭ نازۇك ئېكولوگىيىلىك تەبىئىي مۇھىتىنى ۋەيران قىلىش بىلەن بىرگە، تىبەت يەر ئاستى بايلىقىنىڭ بۇلاڭ - تالاڭ خاراكتېرلىك ئېچىلىشىنى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تىبەتكە ئېقىپ كىرىشىنى تېزلىتىپ، تىبەت مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ قارىماقتا.
لېكىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، چىڭخەي-تىبەت تۆمۈر يولى تىبەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدىكەن. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جامپا فۇنسوك " دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز بۇ تۆمۈر يول تىبەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەمچى بولىدۇ ۋە يەرلىك پۇقرالارغا مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ " دەيدۇ. بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تىبەتلەر تۆمۈر يول مەسىلىسىدە ئۇيغۇرلار 1950 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتكە دۇچ كەلمەكتە. ئەينى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتى لەنجۇ - ئۈرۈمچى تۆمۈر يولى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى تېزلىتىدىغان زور قۇرۇلۇش، دەپ ئاتىغان ۋە بۇنىڭغا قارشى تۇرغان ئۇيغۇرلار " يەرلىك مىللەتچىلىك" بىلەن ئەيىبلىنىپ باستۇرۇلغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى چىڭخەينىڭ گېلمۇد رايونىدىن لخاساغىچە بارىدىغان تۆمۈر يولغا 27 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالغان. بۇ قۇرۇلۇش ئۆتكەن يىلى 10 - ئايدا پۈتتى. بۇ يىل 7 - ئايدا سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باشلايدۇ. (ئەركىن)