ئامېرىكىدىكى تىبەتلىكلەر چىڭخەي-تىبەت تۆمۈر يولىغا قارشى نامايىش قىلماقچى

خىتاينىڭ زور مەبلەغ بىلەن سېلىۋاتقان چىڭخەي-تىبەت تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى بۇ يىل 1‏-ئىيول كۈنى پۈتۈنلەي تاماملىنىدىغان بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكىنىڭ چىكاكو شەھىرىدىكى تىبەتلىكلەر ۋە تىبەت ھەرىكىتىنى قوللىغۇچىلار بۇ كۈندە چىكاكودىكى خىتاي كونسولخانىسى ئالدىدا مەزكۇر تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا قارشى نامايىش قىلىشنى پىلانلىماقتا.

چىڭخەي-تىبەت تۆمۈر يولى تىبەتلىكلەر تەرىپىدىن تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تىبەت ئېلىغا كېلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ دەپ ئەيىبلىنىپ كەلدى. تىبەت ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى مەسيۇ ئاكېستېر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تۆمۈر يولىنى مەقسەتلىك سالغانلىقىنى ئېيتىپ،" خىتاي تىبەتنى قامال قىلىشتا ئىچكى موڭغۇل بىلەن شىنجاڭدىكىدەك نەتىجە قازىنالمىدى. چۈنكى خىتاي ئىچكى موڭغۇل بىلەن شىنجاڭغا تۆمۈر يوللارنى سېلىپ، شۇ ئارقىلىق بۇ رايونلارغا غەلىبىلىك ھالدا كۆپلىگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكىدى" دەيدۇ.

تىبەتلەرنىڭ سۈرگۈندىكى دىنىي داھىسى دالاي لاما تىبەتلىكلەرنىڭ بىر مەزگىل تاقەت قىلىپ خىتاينىڭ بۇ تۆمۈر يولىنىڭ تىبەت ئۈچۈن قانداق مەنپەئەت يەتكۈزۈشىنى كۆزىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

خىتاينىڭ بۇ چىڭخەي-تىبەت تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشى 2001‏- يىلى باشلانغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 2000 كىلومېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. بۇ يول ئارقىلىق بېيجىڭدىن لاساغا 48 سائەت ئىچىدە يېتىپ بارغىلى بولىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا يەنە، كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە بۇ تۆمۈر يولنى ھىندىستان چېگرىسىغىچە ئۇزارتىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.(پەرىدە)