چىڭخەي-تىبەت تۆمۈر يولىدىن تۇنجى پويېز ماڭغۇزۇلدى

خىتاينىڭ تىبەتكە تۇتاشتۇرۇپ سالغان چىڭخەي-تىبەت تۆمۈر يولى قۇرۇلىشىنىڭ پۈتۈپ چىققانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن -1ئىيول كۈنى تۇنجى پويېز بېيجىڭدىن لاساغا قاراپ ماڭغۇزۇلدى. بۇ پويېز 48 سائەت ئىچىدە چىڭخەي-تىبەت تۆمۈر يوللىرىدىن ئۆتۈپ دۈشەنبە كۈنى لاساغا يېتىپ بارىدىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ كۈنى يەنە بىر پويېز چىڭخەينىڭ گولمۇست دېگەن جايىدىن يولغا چىققان. شۇنداقلا خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئۆزى گولمۇستقا كېلىپ بۇ پويېزنىڭ يولغا چىقىشىنى كۆزدىن كۆچۈرگەن. پويېز 13 سائەتتىن كېيىن يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەن لاساغا يېتىپ بارغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 1142 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بۇ چىڭخەي-تىبەت تۆمۈر يولىنى ياساش ئۈچۈن 4 مىليارت 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى پۇل سەرپ قىلغان. شۇنداقلا ئۇلار يېقىندا يەنە، كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە بۇ تۆمۈر يولنى ھىندىستان چېگرىسىغىچە ئۇزارتىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تۆمۈر يولنى تىبەت رايونىنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلاش مەقستىدە سالغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلسىمۇ، ئەمما تىبەتنىڭ سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى ۋە تىبەت پائالىيەتچىلىرى، بۇ رايونغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش ئارقىلىق تىبەتنى كونترول قىلىشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەققىقىي مەقسىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا 1‏- ئىيول كۈنى چىكاكودىكى تىبەتلىكلەر خىتاي كونسولخانىسى ئالدىدا مەزكۇر تۆمۈر يول قۇرۇلىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. (پەرىدە)