خىتايدىن تېبەتكە بارغان تۇنجى پويىزنى تەبرىكلىمەكچى بولغانلار لاساغا بارغاندا ئوكسىگېن يېتىشمەي ھالسىزلانغان

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ لاسادىن خەۋەر قىلىشىچە، 7 ‏- ئاينىڭ 4 ‏- كۈنى كەچتە، خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدىن ت‏-27 قېتىملىق پويىز 800 نەپەر يولوچىنى ئېلىپ تىبەتنىڭ لاسا شەھىرىگە يېتىپ بارغان. بۇ خىتايدىن تارىختا تۇنجى قېتىم تىبەتكە بارغان پويىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، تارىختا تۇنجى قېتىم تىبەتكە بارغان بۇ پويىز نى ئالاھىدە تەبرىكلەش ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەر كەلگەن ئىكەن. تارىختىكى تۇنجى قېتىملىق پويىزنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ھاجانلىنىۋاتقان بۇ كىشىلەر پويىز دېڭىز يۈزىدىن 5 مىڭ 72 مېتىر ئىگىزلىكتىكى تانگولا چوققىرىلىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، ئوكسىگېن يېتىشمەي ھالىدىن كېتىدىغان ئىگىز تاغ كېسىلى' گە گىرىپتار بولۇشقا باشلىغان.

ھالىدىن كېتىپ ئوكسىگېن تۇرۇبىسىدىن نېرى كېتەلمەي قالغان پويىز خىزمەتچىلىرىگە يولۇچىلار مۇلازىمەت قىلىدىغان ھادىسىلەر يۈز بەرگەن. تارىختا تۇنجى قېتىم تىبەتكە بارغان بۇ پويىز نى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلىق كۆرۈۋاتقان كىشىلەر ئاخىر ' دۇنيانىڭ ئۆگزىسى' دەپ ئاتىلىدىغان تېبەت ئىگىزلىكىدىكى ئاخىرقى نىشان -‏ لاسا ۋاگزالىغان يېتىپ كەلگەندە ئاللىقاچان ھالسىزلىنىپ، تىز قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ بېرىلغان. (ۋەلى)