چەتئەلدىكى تىبەت كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مەركىزىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان تىبەتلىك سىياسىي مەھبۇس رىنزىن ۋاڭيال ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى تىبەتتىكى تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەن.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تېخىچە رىنزىڭ ۋاڭيالنىڭ ئۆلىمىنى ئاشكارىلىمىغان. خەۋەرگە قارىغاندا، 59 ياشقا كىرگەن رىنزىن ۋاڭيال 1966 - يىلى تىبەت مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، 17 يىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 13 يىلدىن كېيىن، ئۇنى قايتا قولغا ئېلىپ، ئۇنىڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەن.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، گەرچە رىنزىن ۋاڭيالنىڭ تۈرمىدە نېمە سەۋەبتىن ئۆلگەنلىكى تېخى ئېنىق بولسىمۇ، ئەمما تىبەت كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مەركىزى، كۆپ قىسىم تىبەت سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ تۈرمىدىكى قىيىن- قىستاقلار سەۋەبىدىن ئۆلىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1987 - يىلىدىن بۇيان ئاز دېگەندە 87 نەپەر تىبەت سىياسىي مەھبۇسى تۈرمىلەردە قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەن. چەتئەلدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۇرغۇن ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىمۇ تۈرمىلەردە قىيناپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇنى رەت قىلىپ كەلمەكتە. (ئارزۇ)