تىبەتلىك ئايال سىياسىي مەھبۇس نىماچۈجېن تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلدى

مەركىزى ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى دىئالوگ فوندى جەمئىيىتىنىڭ چارشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، خەلقئاراغا مەلۇم بولغان ئەڭ ئاخىرقى تىبەتلىك ئايال سىياسىي مەھبۇس 2 ‏- ئاينىڭ 26 - كۈنىلا خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئىكەن.

ئىستانسىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، دىئالوگ فوندى جەمئىيىتىگە ئۇقتۇرۇش قىلىپ 16 ‏- ئىيۇن كۈنى نىماچۈجېننى ئاللىقاچان قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى 14 ‏- ئىيۇن كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن نىماچۈجېننىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

نىماچۈجېنغا بېرىلگەن 10 يىللىق تۈرمە جازاسى ئالدى ‏- كەينى بولۇپ 3 قېتىم قىسقارتىلغاندىن كېيىن ، ھازىر ئۇنىڭ رەسمىي قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئىسپاتلاندى.

نىماچۈجېن، 1999 ‏- يىلى تىبەتتە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ياش - ئۆسمۈرلەر مىللىي تەنتەربىيە مۇسابىقىسى مەزگىلىدە جوڭگو ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىش بىلەن مۇناسىۋىتى بار ۋە 2000 ‏-يىلى"دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان" دىگەن باھانىلار بىلەن قولغا ئېلىنغان ، ئۇنىڭ ئېرىمۇ يۇقىرىقىدەك جىنايەتلەر بىلەن ئۈمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ئۇچرىغان ، بىراق ھازىر ئۇنىڭ جازا مۈددىتىمۇ 18 يىلغا قىسقارتىلدى.

خىتاي 1950 ‏- يىلىدىن بېرى تىبەتنى كونتروللۇقىغا كىرگۈزۈۋالغان بولسىمۇ، بىراق تىبەتتىكى كۆپلىگەن خەلق يەنىلا تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاماغا چوقۇنىدۇ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەتنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى باستۇرۇش قىلمىشى بىلەن ئەيىبلىمەكتە.

خەلقئارادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ،خىتاي تۈرمىلىرىدە كۆپلىگەن ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىمۇ جازالىنىۋاتقان بولۇپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى توختى موزئارت، نۇرمەمەت ياسىن قاتارلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئۇلارنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا. ئامما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلار ھەققىدە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى. (ئەقىدە)