دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بېيجىڭدىن دارامسالاغا قايتتى


2004.10.01

سۈرگۈندىكى تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما ۋەكىللىرىنىڭ سۈرگۈندىكى تىبەت رەھبەرلىرى بىلەن بېيجىڭ دائىرىلىرىنى ياراشتۇرۇشنى مەخسەت قىلغان خىتايدىكى بىر قانچە ھەپتىلىك زىيارىتى جۈمە كۈنى ئاخىرلاشتى.

دالاي لامانىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ۋەكىلى لودى گيارى بىلەن ياۋروپادا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ۋەكىلى كېلساڭ گيالتسېن جۈمە كۈنى بېيجىدىن ھىندىستانغا قايتىپ كەلگەن.ئۇلار شۇ كۈنى دارامسالادىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى سامدوڭ رېنپوچى بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ قېتىمقى سەپىرىدىن دوكلات بەرگەن. بىراق تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى، شىمالى ۋە ئوتتۇرا ئامېرىكا ئەللىرىنى زىيارەت قىلىۋاتقان دالاي مالا 11 - ئۆكتەبىردە ئاخىرلىشىدىغان زىيارەت سەپىرىدىن قايتىپ كەلمىگىچە، لودى گيارىلارنىڭ خىتايدىكى زىيارەت ئەھۋالى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارى توپتېن سامپېل، تىبەت ۋەكىللىرىنىڭ خىتايدىكى زىيارەت سەپىرىنىڭ تەپسىلى ئەھۋالى بېيجىڭغا بارغان تىبەت ۋەكىللىرى دالاي لاما ۋە تىبەت سەرگەردان پارلامېنتى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ دەپ كۆرسەتتى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن دالاي لاما ۋەكىللىرىنىڭ بېيجىڭنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويماقتا، يەنە بىر تەرەپتىن دالاي لامانى تىبەت مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىش ۋە بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىپلىمەكتە. بىراق دالاي لاما دىنىي- ئېتىقات ۋە مەدىنىيەت ئەركىنلىگى ئاساسىدىكى تىبەت ئاپتۇنومىيەسى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.