دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى 3 - قېتىم بېيجىڭنى مەخپىي زىيارەت قىلدى


2004.10.03

تىبەتلەرنىڭ سۈرگۈندىكى روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى يېقىندا بېيجىڭدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزى دارامسالاغا قايتىپ كەلگەن ئىدى . دارامسالادىكى تىبەت سەرگەردان ھۈكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى دۇندۇپ سامپېلنىڭ شەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، دالاي لاما ۋەكىللىرى بېيجىڭدىكى مەخپىي زىيارىتى جەرىيانىدا بېيجىڭ دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. بۇ قېتىمقى زىيارەتكە دالاي لامانىڭ ئامېرىكىدىكى ئالاھىدە ئەلچىسى لودى گيارى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئەلچىسى كېلساڭ گيالتسېن يىتەكچىلىك قىلغان ئىدى. تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى باياناتچىسى، سۆھبەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكەنلىگىنى ئەسكەرتىپ، زىيارەتنىڭ مەخسىتى بېيجىڭ دائىرىلىرى بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇش دەپ كۆرسەتتى.

بىراق رويتېرز ئاخبارات ئاگېنتلىقى، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى تىبەت - خىتاي سۆھبىتى توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خەلقارا تىبەتنى ھىمايە قىلىش ھەركىتى مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە بويىچە بۇ قېتىمقى زىيارەتنى داۋراڭ قىلماسلىقى مۈمكىن. كۈزەتكۈچىلەر، دالاي لاما ۋەكىللىرى بۇ ئارقىلىق تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ ئاممىۋى ئىشلار ۋە تاشقى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ دەپ كۆرسەتتى. بۇ ئارىدا خىتاي ساقچىلىرى چىڭخەيدىكى تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان گۇلو تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تۇدۇن ئىبادەتخانىسىدىكى بىر تىبەت راھىپنى ئېتىۋەتكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.