تىبەتلەر ۋە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئىسپانىيىدە ئاچقان داۋاسى خىتاينىڭ نازۇك يېرىگە تەگدى

ئىسپانىيىدىكى بىر تىبەت كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتى بىلەن فالۇنگوڭ تەرىقىتى مۇرىتلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنى "ئېرقىي تازىلاش" ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە ئىسپانىيە سوت مەھكىمىسىگە ئاچقان داۋاسىنى خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىسپانىيە فالۇنگوڭ تەرىقىتىنىڭ "سىياسى مەقسىدىنى" چۈشىنىۋېلىشى كېرەك، دەپ ئەيىبلىدى.

خىتاي تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈي، سەيشەنبە كۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا " بۇ تەرىقەتنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە قارشى ئويدۇرما ۋە تۆھمىتى پۈتۈنلەي سىياسىي مەقسەتنى چىقىش قىلغان " دەيدۇ. جياڭ يۈينىڭ ئەسكەرتىشىچە، جۇڭگو چەتئەل دۆلەتلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدىكەن. ئۇ، " بىز ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى بۇ تەشكىلاتنىڭ جۇڭگوغا قارشى ماھىيىتىنى چۈشىنىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىمىز " دەپ كۆرسەتتى.

فالۇنگوڭ تەرىقىتى جۇڭگو سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىننى بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن 1999 - يىلدىن 2003 - يىلغىچە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىغا قارشى " ئېرقىي تازىلاش" ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە ئىسپانىيە سوت مەھكىمىسىگە داۋا ئاچقاندىن كېيىن، ئىسپانىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى ئەرزىنى كۆرۈپ چىقىشنى قارار قىلغان.

بۇنىڭ ئالدىدا تىبەتلەر جاڭ زېمىن، لې پېڭ ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونىدىكى 5 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنى 1980 ۋە 1990 - يىللاردا تىبەتلەرگە قارشى "ئېتنىك تازىلاش "ئېلىپ بېرىش، تەن جازاسى ۋە ئىنساندارچىلىققا قارشى تۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە ئىسپانىيە سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى تىبەت كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئەرزىنى كۆرۈپ چىقىشنى قوبۇل قىلغان ئىدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە ئىسپانىيىدىن تىبەت مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقنى تەلەپ قىلغان. (ئەركىن)