خىتايلار ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى


2004.12.10

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا كەڭەش پالاتاسىنىڭ تىبەت راھىبى تەنزىن رىنپوچىنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى چاقىرىقىنى رەت قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ چىيۆ، جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ تىبەت راھىبىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئاقلاپ، تەنزىن رېنپوچىنىڭ پارتلىتىش ئېلىپ بېرىش ۋە دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. جاڭ چىيۆ، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ چاقىرىقىنى جىنايەتچىلەرنىڭ دۇمبىقىنى چېلىش، دەپ ئەيىبلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2002 - يىلى 12 - ئايدا تىبەت راھىبى تەنزىن رېنپوچى بىلەن لوساڭ دوندۇپلارنى تېررورچىلىق قىلىش جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان . لوساڭ دوندۇپنى 2003 - يىلى 1 - ئايدا ئېتىپ تاشلىغان. تەنزىن رېنپوچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى بۇيرۇغان ئىدى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى چارشەنبە كۈنى قارار ماقۇللاپ، تەنزىن رېنپوچىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. كېڭەش پالاتا ئەئازسى سام برونبېك، "ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ تىبەتتىكى ئىشغالىيىتىگە بولغان قارشىلىقىنى تىنچ يوللار بىلەن ئىپادىلەۋاتقان گۇناھسىز تىبەتلەرنى جازالاشنى توختىتىدىغان ۋاقتى كەلدى" دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتنى 1950 - يىلى ئىشغال قىلىۋالغان .ھازىر ھىندىستاندا سۈرگۈندىكى تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما، تىبەت ھۆكۈمىتى بىلەن بىرگە 1959 - يىلى ھىندىستانغا قېچىپ چىققان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.