خىتاي دالاي لامانى "دىنىي توقۇنۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلدى" دەپ ئەيىبلىدى


2006.05.10

خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى تىبەتلەرنىڭ سۈرگۈندىكى دىنىي داھىسى دالاي لامانى تىبەت ئاپتونوم رايونىدىكى "دىنىي توقۇنۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلدى" دەپ ئەيىبلىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، 3‏-ئايدا لاسادىكى بىر بۇدخانىنىڭ ئىچىدىكى بۇدلارنى بۇزۇپ-چېقىش ۋەقەسىنىڭ دالاي لامانىڭ قۇتراتقۇلۇقى بىلەن يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لاسا شەھەر باشلىقى نوربۇ دۇنجوب مەزكۇر ئاگېنتلىققا " بۇ ۋەقە دالاي لامانىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن يۈز بەرگەن. ئۇنىڭ مەقسىدى تىبەت بۇددىزىمىدىكى ئوخشىمىغان مەزھەپلەر ئارىسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلىش" دېگەن.

خىتاينىڭ تىبەت ئاپتونوم رايونىدىكى پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چىڭلى، " دالاي لامانىڭ بۇ ھەرىكىتى، دىنىي ئېتىقادچىلارنىڭ ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۈز قىلغانلىق" دەپ كۆرسەتتى.

مەزكۇر بۇدخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇد تىبەت بۇددىزىمىنىڭ باشقا بىر مەزھىپى چوقۇنىدىغان بۇد بولۇپ، بۇنى دالاي لاما تىبەت بۇددىزىمىدىكى بىر ئايرىمىچى كۈچ دەپ ئەيىبلەيدىكەن. ئەمما خىتاينىڭ دالاي لاما توغرىسىدىكى بۇ ئەيىبلەشلىرىگە قارىتا، دالاي لامانىڭ دارامسالادىكى ھۆكۈمىتى تېخى ئىنكاس قايتۇرمىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.