سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما ھەزرەتنى ئاقسارايدا قوبۇل قىلغان بولۇپ، خىتاي تاش ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ بايانات ئېلان قىلىپ بۇشنىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلغانلىقى: " خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق" دېدى.
دالاي لاما، جور بۇش بىلەن ئۇچرىشىپ بولغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ بۇ ئىنكاسلىرىغا قارىتا ئۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ: "بۇ دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ئىش" دېدى.
بۇرۇن بەلگىلەنگىنى بۇيىچە، 17- ئۆكتەبىر چارشەنبە كۈنى، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا، دالاي لاماغا ئاۋام-پۇقراغا بېرىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك شەرەپ مېدالى: ئالتۇن مېدال تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بۈگۈن مەزكۇر مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە تەبرىك سۆزى قىلدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋنىڭ باياناتىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ليۇ جيەنچاۋ: "خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرىدۇ ۋە قاتتىق قارشى تۇرىدۇ. خىتاي تەرەپ ئامېرىكا تەرەپكە كەسكىن نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى" دېدى.
خىتاي ئەمەلدارلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ساھىبخان بولغان مەزكۇر مېدال تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا ھەرخىل نارازىلىق پىكىرلىرىنى ئىپادىلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئالدىنقى كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى ئامېرىكا تەرەپتىن بۇ شەرەپ مېدالىنى دالاي لاماغا بېرىشنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. (جۈمە)