خىتاي ئارمىيىسى نېپالغا قاچقان تىبەتلىكلەرنى يەنە ئوققا تۇتتى


2007.10.31

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ كاتماندودىن خەۋەر قىلىشىچە، 10 ئاينىڭ 18 ‏- كۈنى، تىبەتتىن نېپالغا قاچقان 46 نەپەر كىشىنىڭ 36 سى نېپالغا يېتىپ كەلگەن. ئورگىنى ۋاشىنگتوندىكى تېبەت ھەرىكىتى ۋە دارامسالادىكى تېبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېنىقلىشىچە، كوممۇنىست زۇلۇمىغا چىدىماي تىبەتتىن قاچقان كىشىلەر شاڭبالا تاغ ئېغىزىغا كەلگەندە، كوممۇنىست خىتاي ئارمىيىسى ئۇلارنى ئوققا تۇتقان.

ھازىر 9 ئادەمنىڭ ئىز -دېرىكى يوق. ئەمما كېيىن مەلۇم بولۇشىچە، 3 ئادەمنى خىتاي قوشۇنلىرى تۇتۇۋالغان. خىتاي ئارمىيىسى 2006 ‏- يىلىدىمۇ مۇشۇ تاغ ئېغىزىدا تىبەتتىن نېپالغا قاچقان 75 ئادەمگە ئوق چىقىرىپ، 2 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئىدى.

تېبەت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر كوممۇنىست خىتاينىڭ كونتروللۇقىدىكى تىبەتتىن ھەر يىلى ئىككى-ئۈچ مىڭ ئادەم نېپالغا قېچىپ كېلىپ پاناھلىق تىلەۋاتىدۇ.

ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تۈرمىگە ئېلىنىپ ئازاپلانغان ياكى خىتاينىڭ 'ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى' گە چىداشلىق بېرەلمىگەن راھىپلار ۋە 18 ياشتىن تۆۋەن ئۆسمۈرلەر. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار ئورگىنى ئۇلارنى تىزىملاپ، ياردەم بەرگەندىن كېيىن دارامسالادىكى مۇھاجىرەتتىكى تېبەت ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىۋاتىدۇ. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.