تىبەتتە كوممۇنىست پارتىيىدىن ئۈمىد ئۈزگەن كىشىلەر كۆپەيمەكتە


2007.11.28

ھازىر خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تىبەتتىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىدا، كوممۇنىست پارتىيىدىن ئۈمىد ئۈزۈپ، دالاي لامانىڭ قايتىپ كېلىشىنى تېلەيدىغان ۋە تېبەت مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان كوممۇنىست پارتىيە ئەزالىرى كۆپەيمەكتە.

تېبەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2007 ‏- يىل 2 ‏- نومۇرلۇق ھۆججىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تىبەتتە مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا، پانگا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە ۋەزىپە بىجىرىدىغان خادىمى، پۇباۋ شەھەرچىسىنىڭ قوشۇمچە مۇئاۋىن باشلىقى پېنسوجەنزەن 2007 ‏- يىلى 4 ‏- ئايدا، ناموسو مېھمانخانىسىدا ئېچىلغان بىر چوڭ يىغىندا 'ياشىسۇن تېبەت مۇستەقىللىقى، ياشىسۇن دالاي لاما' دەپ شۇئار توۋلىغانلىقى ئۈچۈن پارتىيىدىن چىقىرىلىپ، مەنسەپتىن قالدۇرۇلۇپ 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

تېبەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۇ قىزىل باشلىق مەخپىي ھۆججىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تىبەتتىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ دالاي لاماچىلار تەرىپىدىن پارچىلىنىپ، پېنسوجەنزەندەك 'كوممۇنىست پارتىيىنىڭ سۈتىنى ئېمىپ تۇرۇپ، دالاي لامانى ئانا دەيدىغان پارتىيە ئەزالىرى'نىڭ پەيدا بولۇشىدىن ۋە رىكېزى شەھىرىنىڭ كاڭما يېزىسىدىكى لادونغا ئوخشاش ئوقۇغۇچىلارغا دالاي لامانى توختىماي تەشۋىق قىلىدىغان مۇئەللىملەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھازىر پۈتۈن تىبەتتە ماركىسىزم نەزىرىيىسى ۋە سوتسىيالىزم قۇرۇش تەربىيىسىنى كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىش دەپ ئاتالغان باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلماقتا. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.