خىتاي، يېڭى ياسالغان تۆمۈر يولى ئارقىلىق تىبەتكە ئەسكەر ئەۋەتىشكە باشلىدى
2007.12.01
خىتاي مەتبۇئاتى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم يېڭى ياسالغان يوقۇرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى ئارقىلىق تىبەتكە ھەربىي ئۈسكۈنە ۋە ئەسكەر يۈتكىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى، تىبەتكە ھەربىي قىسىم يۆتكەش مەسىلىسىدە، يېڭى ياسالغان تۆمۈر يولىنىڭ، ئاساسلىق ترانسپورت قورالىغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇ تۆمۈر يولىنىڭ تىبەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەقىياتىغا مۇھىم ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن، تىبەت پائالىيەتچىلىرى ۋە تىبەت ھەرىكىتىنى قوللايدىغان تەشكىلاتلار، مەزكۇر تۆمۈر يولىنىڭ تىبەتنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ زىيانغا ئۇچرىشىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ تۆمۈر يولىنىڭ تىبەتنىڭ مىللىي كىملىكى ئۈچۈن تەھدىت ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دېگەندەك،17 ئاي بۇرۇن رەسمى خىزمەتكە باشلىغان بۇ تۆمۈر يولى، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن تىبەتكە كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەت يوقۇرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنى ياساش مەزگىلىدە ۋەدە قىلغاندەك، بۇ تۆمۈر يولى ئارقىلىق تىبەتكە ساياھەتچى ئەمەس، تىبەتكە خىتاي ئازاتلىق ئارمىيە قىسىملىرىنى يۆتكەشكە باشلىغانلىقى، تىبەت پائالىيەتچىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت تۆمۈر يولىنى ياساشتىكى ئاساسلىق مەقسىدى ھەققىدىكى گۇمان ۋە ئەندىشىلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن تىبەتكە ئەۋەتىلىدىغان تاۋارلارنىڭ 75 پىرسەنتى مۇشۇ تۆمۈر يولى ئارقىلىق، ئەۋەتىلىدىكەن. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تىبەتتە كوممۇنىست پارتىيىدىن ئۈمىد ئۈزگەن كىشىلەر كۆپەيمەكتە
- دالاي لامانىڭ ئىتالىيىگە قىلىدىغان زىيارىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلماقتا
- دالاي لاما ئۆز ۋارىسىنى بەلگىلەش قارارىنى ئىپادىلىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى تۆت نەپەر تىبەتنى سولاققا ئالدى
- تىبەت مالچى، ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى
- خىتاي تىبەت مۇساپىرلىرىغا ئوق چىقارغانلىقىنى رەت قىلدى
- خىتاي ئارمىيىسى نېپالغا قاچقان تىبەتلىكلەرنى يەنە ئوققا تۇتتى
- خىتاي ساقچىلىرى لخاسادىكى تەبرىكلەش مۇراسىمىنى باستۇردى
- دالاي لامانى تەبرىكلىگەن تىبەت راھىپلىرى بىلەن خىتاي ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن