ياۋروپا پارلامېنتى خىتاينى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى

ياۋروپا پارلامېنتى پەيشەنبە كۈنى 71 ئاۋازنىڭ قوللاپ بىلەت تاشلىشى، بىر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كېچىشى ئاستىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەت روھانى داھىيسى بىلەن دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىدىغان قارارنامە ماقۇللىدى.

قارارنامىدە ھەر ئىككىلا تەرەپنى ئالدىنقى شەرت قويمىغان ئەھۋالدا سۆھبەتنى تېزرەك ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىرغان شۇنداقلا ھەم خىتاينىڭ زىمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ھەم تىبەت خەلقىنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى، ھەر ئىككىلا تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان بىر لاھىيە ئۈستىدە بىرلىككە كېلىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي بىلەن دالاي لاما ئارىسىدىكى سۆھبەت 2002 -يىلى 9 - ئايدىن ئەسلىگە كەلگەندىن بېرى، ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى 2006 - يىلنىڭ باشلىرىغىچە جەمئىي 5 قېتىم سۆھبەت ئېلىپ باردى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى 2006 -يىلنىڭ باشلىرى سۆھبەتنى تۇيۇقسىز توختاتقان . تىبەت تەشكىلاتلىرى بولسا ياۋروپا پارلامېنتىنى قارارىنى قارشى ئالماقتا.

خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى ياۋروپا شۆبىسىنىڭ باشلىقى سىرېن چاڭپا، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارى تىبەتلەرنى ئىلھاملاندۇرماقتا، دەيدۇ. ياۋروپا پارلامېنتى قارارىدا خىتاي بىلەن دالاي لامانىڭ بەزى كونكرېت مەسىلىلەردە پىكىر ئىختىلاپى بارلىقىنى، بولۇپمۇ تىبەت بىلەن خىتاينىڭ تارىخىي مۇناسىۋىتىدە چۈشەنچىسى ئوخشىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

سېرىن چاڭپانىڭ ئەسكەرتىشىچە، دالاي لاما تىبەت تارىختا خىتاينىڭ بىر قىسىمى بولمىغان، دەپ قارىماقتا. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لاما تىبەتنى جۇڭگونىڭ بىر قىسىمى، دەپ ئېتىراپ قىلىشى كېرەك، دىگەن تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن دالاي لامانىڭ بۇنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)