خىتاينىڭ دالاي لاما بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ئىلگىرلەش بولمىغان


2006.03.06

تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدا بۇ يىل 2 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 5 - قېتىملىق خىتاي - تىبەت سۆھبىتىدە ئىلگىرىلەش بولمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئادەتتە دالاي لاما بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى ھەققىدە توختىلىشنى خالىمىسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىم تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شياڭبا پىڭسۇ ، دالاي لاما بىلەن بولىدىغان سۆھبەت ئىشىكىنىڭ تېخىمۇ كۆپ مۇزاكىرىلەرگە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرقىلىشىچە، شياڭبا پىڭسۇ دالاي لاما ۋەكىللىرى بىلەن بولغان سۆھبەتنى رەسمىي مۇزاكىرە دەپ ئاتاشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، " بىز بۇ سۆھبەتنى بىر مۇزاكىرە، دەپ قارىمايمىز. بۇ بىر سۆھبەت ياكى بىر ئۇچرىشىش، بىراق ئالاقە قانىلى دائىم ئوچۇق " دەيدۇ. شياڭبا پىڭسۇ بۇ سۆزلەرنى بېيجىڭدا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىش جەريانىدا مۇخبىرلارغا تەكىتلىدى.

دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بولسا ، ئىككى تەرەپنىڭ ئالىي ئاپتونومىيە مەسىلىسىدىكى ئاساسىي قارىشىدا زور پەرقلەر بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە. تىبەت سۆھبەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقى لودى گيارى، سۆھبەتتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا " بۇ يەردە سۆھبەتنى قانداق تەرىپلەش مەسىلىسىدىمۇ تۈپكى پەرقلەر مەۋجۇت " دەيدۇ.

دالاي لاما تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەمەس، ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. ئەمما شياڭبو پىڭسۇ، دالاي لامانىڭ بۇ مەسىلىدە سەمىمىيىتىنى كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، " مۇستەقىللىقتىن ۋاز كېچىش بىر ئىستراتېگىيە ياكى ساختىپەزلىك بولسا، ئۇ چاغدا بۇ داۋاملاشمايدۇ " دەپ كۆرسەتتى. شياڭبا پىڭسۇ، "كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارىمىز. بىراق بىز سۆھبەتنىڭ بۇ باسقۇچى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش دەرىجىسىگە يەتمىدى، دەپ قارايمىز " دەيدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.