خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى تىبەتلەر پىدائىي تەشكىللەۋاتىدۇ دېگەن سۆزىنىڭ ئىسپاتىنى ئاشكارىلىمىدى


2008.04.02

مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى داۋاسېرىن 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ 'تىبەت مۇستەقىلچىلىرى نامايىشتا 18 نەپەر ساقچىنى ئۆلتۈردى، ھازىر ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان پىدائىي تەشكىللەپ ئۇرۇش قوزغىماقچى' دېگەن ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كەيسىيمۇ بۈگۈن 'دالاي لاما تىنچلىقپەرۋەر ئەرباپ، ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم قوزغايدىغان پىدائىيلار ئەترىتى تەشكىللەۋاتىدۇ، دېگەن سۆز دەلىلسىز ئىغۋا' دەپ جاكارلىدى.

شىنخۇا تور بېتىنىڭ 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋۇ خېپىڭ "دالاي لاما گەرچە 'ئوتتۇرىچە يول تۇتۇش'، 'تىنچلىق بىلەن ئارزۇ ئىپادىلەش' دەۋاتسىمۇ، ئەمما ئۇ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە 'تىبەتكە ياردەم بېرىش' دېگەن نام ئاستىدا زوراۋانلىق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، ئەمدى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشتىن باش تارتمايدىغان پىدائىيلار ئەترىتى تەشكىللەپ، چېگرىدىن ئۆتۈپ ئۇرۇش قوزغاشنى پىلانلىماقتا" دەپ ئۇنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

شۇنداقلا يەنە "تىبەتلەر ھازىر چېگرا سىرتىدىكىلەر بىلەن تېلېفوندا ئۆز-ئارا كېلىشىۋالغان مەخپىي بەلگە قوللىنىپ، مەسىلەن: دالاينىڭ نامىنى 'تاغام'، تىبەتنىڭ مۇستەقىللىق بايرىقىنى 'جاناب' دەيدىغان بىر قاتار مەخپىي بەلگە ئارقىلىق ھېسسىيات ئالماشتۇرۇپ ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.