خىتاي باش مىنستىرى ۋىن جىياباۋ، دالاي لاما بىلەن سۆھبەتلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى


2008.03.19

ئەنگىلىيە باش مىنستىرى گوردون باراۋن، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جىياباۋنىڭ دالاي لاما بىلەن تىبەت مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى، بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە باش مىنستىرى گوردون براۋن چارشەنبە كۈنى خىتاي باش مىنستىرى ۋېن جىياباۋ بىلەن تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭدىن تىبەتتىكى ۋەقەلەرگە سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، تىبەت مەسىلىسىنىڭ تەرەپلەر ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئەنگىلىيە باش مىنستىرى گوردون براۋن، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا،" خىتاي باش مىنستىرى ماڭا، دالاي لاما تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىگەنلىكى ئۈچۈن، تىبەت مەسىلىسىدە دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى،" دەپ كۆرسەتكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەنگىلىيە باش مىنسىتىرى، نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە، تىبەتتىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش، يارىشىش ۋە تىبەتلىكلەر بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا قانۇنى سۆھبەتلەرنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت دەپ تەكىتلىگەن.

ئەنگىلىيە باش مىنستىرى شۇنداقلا، تىبەتنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي رەھبىرى دالاي لاما ئالدىمىزدىكى ماي ئېيىدا ئەنگىلىيىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.