خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇشىغا قارشى نارازىلىق كۈچەيمەكتە


2008.03.25

دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئاتاقلىق تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىگە قاراتقان تەنقىدلىرى كۈچەيمەكتە.

فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەرنارد كوچنەر، سەيشەنبە كۈنى ياۋرۇپا رادىئوسىغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى " قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ھەرىكەت " دەپ كۆرسەتتى. دۈشەنبە كۈنى، فرانسىيە پرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ غا خەت يېزىپ، ئۇنى تىبەت مەسىلىسىگە سەۋرىچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.

فرانسىيىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر راي سىناشنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، فرانسىيە خەلقىنىڭ كۆپچىلىكى، فرانسىيە پرېزىدېنتىنىڭ 2008‏ - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىغا قارشى ئىكەن.

بۇ ئارىدا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ۋە ئامېرىكا مىللىي بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىس جېمز جەفرى، ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى، ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق خىتاي باش ئەلچىسى جۇ ۋەنجۇڭ بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىدىن قاتتىق ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنى، تىبەت مەسىلىسىنى بىرتەرەپ قىلىش ئۈچۈن دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغان.

دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايىس، تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىنىڭ بىردىن بىر يولىنىڭ دالاي لاما بىلەن سۆھبەتكە ئۆلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتتىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن، باشلانغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، خىتاي مەتبۇئاتى سەيشەنبە كۈنى، 10 ‏ - مارت كۈنى تىبەتنىڭ پايتەختى لخاسا شەھىرىدە باشلانغان ۋە كېيىن پۈتۈن تىبەت ھەتتا تىبەت جامائىتى بىر قەدەر زىچ جايلاشقان خىتاينىڭ چىڭخەي ۋە سىچۈەن ئۆلكىلىرىگىچە تارقالغان نارازىلىق ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان 13 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.