تىبەتلەرنىڭ روھانى داھىسى دالاي لاما ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئىچىدە روسىيىنى زىيارەت قىلىشى مۈمكىن. رۇسىيىلىك دىپلۇماتلار، قالمىقىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى بۇددىست قالماقلارنىڭ دالاي لامانى بىر قانچە قېتىم مەزكۇر جۇمھۇرىيەتكە تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، موسكۋا دالاي لامانىڭ چىگرىدىن كىرىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
" ئامېرىكا ئاۋازى" رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قالمىقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى، دالاي لامانىڭ چارشەنبە كۈنى رۇسىيىگە كېلىدىغانلىقىنى، 13 - نويابىردا قالمىقىستاننى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دالاي لامانىڭ قالمىقىستاندىكى زىيارىتى 17 - نويابىردا ئاخىرلىشىدىكەن. دالاي لاما ھازىر جەنۇبىي ئافرىقىدىكى يۇھانسبۇرگنى زىيارەت قىلىۋاتىدۇ. روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا دالاي لاما ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرىغا چىگرىدىن كىرىش ۋىزىسى بەرگەن. بۇ دالاي لامانىڭ تۇنجى قېتىم رۇسىيىنى زىيارەت قىلىشى بولۇپ قالىدۇ.
دالاي لامانىڭ رۇسىيىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، دالاي لامانىڭ زىيارىتى توغرىسىدىكى خەۋەلەرنى رەت قىلمىغان. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى تۇلىيانىسكىي، رۇسىيە دالاي لامانىڭ رۇسىيىنى زىيارەت قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. بىراق تۇليانسكىي، دالاي لاماغا رۇسىيىگە كىرىش ۋىزىسى بېرىلگەنلىكىنى رەت قىلغان. رۇسىيىنىڭ ۋولگا دەرياسى بويىدىكى قالماقلار ئۇيغۇر ئىلىدىكى جۇڭغارلارغا تەۋە تۇرغۇتلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، 17 - ئەسىردە ۋولگا دەريا بويىغا كۆچۈپ بارغان قالماقلار ئىدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە قالماقلارغا ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلىك ھوقۇقى بېرىلگەن. (ئەركىن)