گېرمانىيە ھېسسېن شتاتىنىڭ باش مىنىستىرى دارامسالانى زىيارەت قىلدى
2005.02.07
گېرمانىيە ھېسسىن شتاتىنىڭ باش مىنىستىرى، ھىندىستاندىكى رەسمى زىيارىتى جەريانىدا يېڭى دېھلى دائىرىلىرىنىڭ ئەندىشىسىگە قارىماي دارامسالادا تىبەتلەرنىڭ روھانى داھىسى دالاي لاما بىلەن ئۇچراشتى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ھېسسىن شتاتىنىڭ باش مىنىستىرى رولاند كوچنىڭ دالاي لاما بىلەن تىبەت روھانى داھىسىنىڭ دارامسالادىكى سارىيىدا ئۇچراشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. دارامسالادىكى تىبەت سەرگەردەن ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى، "گېرمانىيە رەھبىرى جۈمە كۈنى دارامسالاغا كېلىپ، شۇ كۈنى دالاي لاما بىلەن ئۇراشتى،" دەپ كۆرسەتكەن.
تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىدىكى دائىرىلەر، رولاند كوچنىڭ دارامسالادىكى سەپىرىنى شەخسىي زىيارەت، دەپ چۈشەندۈردى. شۇنداقلا رولاند كوچ تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ ئالى رەھبىرى سامدوڭ رېنپوچى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رولاند كوچ دارامسالادىن شەنبە كۈنى يېڭى دېھلىغا قايتىپ كەلگەن. ھىندىستان ھۆكۈمىتى ھېسسىن باش مىنىستىرىنىڭ دارامسالادىكى زىيارىتىنى گېرمانىيە رەھبىرىنىڭ شەخسى ھەرىكىتى، دەپ جاكارلىغان. گېرمانىيىنىڭ ھىندىستاندىكى باش ئەلچىخانىسى رولاند كوچنىڭ دارالسالاغا قىلغان زىيارىتىگە باھا بېرىشنى رەت قىلدى.
كۆزەتكۈچىلەر، گېرمانىيە ئەمەلدارىنىڭ دارامسالاغا قىلغان زىيارىتى بېيجىڭ دائىرىلىرىنى بىئارام قىلغان بولۇشى مۈمكىن، دەپ قارىماقتا. ھىندىستان بولسا خىتايلارنىڭ غەزىپىدىن قوزغاپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، چەتئەللىك سىياسىيونلارنىڭ ھىندىستان زىمىنىدىكى تىبەتلەر بىلەن ئۇچرۇشىشىنى قارشى ئېلىنمايدىغان ۋەقە، دەپ قارايتتى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- روسىيە دالاي لاماغا ۋىزا بېرىشنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- دالاي لاما رۇسىيىنى زىيارەت قىلىشى مۇمكىن
- سۈرگۈندىكى تىبەتلەر خىتاي تۈرمىسىدىكى تىبەت راھىبى ئۈچۈن ئاچلىق ئېلان قىلدى
- دالاي لاما تىبەتنىڭ كېلىچىكى ھەققىدە سۆز قىلدى
- قالماقىستاننىڭ پرىزدېنتى دالاي لامانىڭ زىيارەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- دالاي لاما كوستارىكانى زىيارەت قىلدى