ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نۇقتىلىق ئەيدىز دوختۇرخانىلىرى قۇرۇلماقچى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى يېقىندا ئاپتونوم رايوندىكى ھەر قايسى ناھىيە ۋە شەھەرلەردە ئېھتىياجغا قاراپ نۇقتىلىق ئەيدىز دوختۇرخانىلىرىنى قۇرۇش توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاي بۇيىچە ئەيدىز كېسىلى ئەڭ ئېغىر رايون، دەپ قارالسىمۇ، لېكىن بۇ رايوندا 1995 - يىلى تۇنجى ئەيدىز كېسىلى بايقالغاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە بىرمۇ ئەيدىز دوختۇرخانىسى يوق ئىدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ قارارى بۇيىچە ناھىيىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك بارلىق دوختۇرخانىلار چوقۇم ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىدىغان ئەيدىز ئامبۇلاتورىيىلىرىنى تەسىس قىلىشى ۋە دوختۇرخانىلار ئەيدىز بىمارلىرى باشقا كېسەللىرىنى داۋالاتماقچى بولسا، ئەيدىز كېسىلىنى باھانە قىلىپ رەت قىلماسلىقى كېرەك.

سەھىيە نازارىتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغان 60 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى مىللىيلار ئىكەن. ھازىرغىچە ئاپتونوم رايوندىكى 15 شەھەر، ۋىلايەت ۋە ئوبلاستتا بايقالغان ئەيدىز كېسەللەر 16035 كىشى بولۇپ، 105 كىشى بۇ كېسەلدە ئۆلگەن. سەھىيە نازارىتىنىڭ باشلىقى جاڭ يۇڭجۇڭ، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ رايوندا داۋاملىق كېڭىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش خىزمىتى جىددىي ۋەزىيەتكە دۇچ كەلمەكتە، دەپ تەكىتلىگەن.

بۇ ئارىدا "تورونتو يۇلتۇزى" گېزىتىنىڭ خەۋەرقىلىشىچە، ئامېرىكا Microsoft شىركىتىنىڭ خوجايىنى بىل گەيتىس، جۇڭگونىڭ ئەيدىز كېسىلى پروگراممىسى ئۈچۈن200 مىليون دوللار ياردەم بېرىش ھەققىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان. (ئەركىن)