ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ھادىسىلەردە 200 مىڭغا يېقىن ئادەم ئاپەتكە ئۇچراپ 38 ئادەم قازا قىلغان
خىتاي ئاخبارات ۋاستىسى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 26 - ئىيۇل كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلار نازارىتى مەسئۇلىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، 5 - ئايدىن بۇيان بولۇپمۇ 7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن، لاي- لاتقا ئېقىش، يەر تەۋرەش قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر تۈپەيلى 182 مىڭ كىشىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى، 38 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 3 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
5- ئايدىن بۇيان سىبىرىيە سوغاق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھاۋا رايىدا زور ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كېلىپ، قاتتىق يامغۇر، مۆلدۈر ياققاندىن سىرت، بوران ئاپەتلىرى كۆرۈلدى. بولۇپمۇ 7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شىمال ۋە شەرق تەرەپلەردىكى رايونلاردا يۈز بەرگەن 4 كۈنلۈك كەلكۈن ئاپىتىدە 30 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 3 ئادەم يوقاپ كەتتى.
ئىككى ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن ئاپەتتە جەمئىي 4940 تۇياق چارۋا مال ئۆلدى.
خەۋەردە ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان 160 مىڭ ئادەمنى ياردەمگە ئېرىشتۈرگەنلىكى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، قالغان 20 نەچچە مىڭ كىشىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان . (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تېكەس تەۋەسىدە يەر تەۋرەپ 27 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى
- بۈگۈر ناھىيىسىدە كان رايونىدا يۈز بەرگەن ئاپەتتە 11 كىشى ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن ھۆل-يېغىن، كەلكۈن ھادىسىلىرى قاتناشقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزمەكتە
- ئۈرۈمچى شەھەر سىرتىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولدا ئۈچ ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆك ئاسمىنىدا "ھېلالئاي" ھادىسىسى كۆرۈلدى
- ئۇلۇغچاتتا يەر تەۋرىدى
- يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەر قۇرۇلۇشىنىڭ بۇ يىللىق پىلانى ئورۇنلىنىش جەريانىدا مەسىلىلەر كۆپەيمەكتە
- ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى تەبىئىي جۇغراپىيىلىك ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مەبلەغ ئاجراتماقچى