كروران قەدىمىي شەھەر ئىزناسىمۇ غايىپ بولۇش گىردابىغا كېلىپ قالدى


2007.12.04

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەرلىك تور بەتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئىلگىرى تارىختا بىر قېتىم غايىپ بولغان كروران قەدىمىي شەھىرى نۆۋەتتە ئادەملەر تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش سەۋەبلىك قايتا يەر شارىدىن مەڭگۈلۈك غايىپ بولۇش گىردابىغا كېلىپ قالغان.

خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، تەكلىماكان كىندىكىگە جايلاشقان، ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەڭ قەدىمىي شەھەر خارابىلىرىنىڭ بىرى بولغان كروران مەدەنىي يادىكارلىقلار ئورنى ھازىرغا قەدەر تەرتىپلىك باشقۇرۇلمايۋاتقان بولۇپ، ساياھەتچىلەرگە قارا قويۇق ئېچىۋىتىلگەچكە خالىغان ساياھەتچىلەر، ھېچقانداق رەسمىيەت بىجىرمەي تۇرۇپلا،كروران شەھەر خارابىسى ئىچىگە كىرەلەيدىكەن شۇنداقلا خالىغىنىچە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىكەن.

ساياھەتچىلەر كروران قەدىمىي شەھىرىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا خارابىلەرنى، ئاسارە ‏- ئەتىقە ئىزنالىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقاندىن سىرت، ھەتتا بەزى ساياھەتچىلەر، كروران شەھەر خارابىلىرىغا تەرەت قىلىپ، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تاشلاپ قويغان. كروران شەھەر خارابىسىغا 18 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بىرلا توساق بولۇپ، كروران مەدەنىيەت يادىكارلىقلارنى قوغداش پۇنكىتىمۇ 30 كىلومېتىر يىراققا كۆچۈرۈلگەن. شەھەر خارابىسى ئىچىدە بولسا ھېچقانداق باشقۇرۇش ئورنى ياكى خادىم يوق ئىكەن.

ئەسلىدە كروران قەدىمىي شەھەر خارابىسىنى باشقۇرۇشقا، چاقىلىق ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى مەسئۇل بولۇپ، ھەر قايسى ساياھەت ئورۇنلىرى مەزكۇر ئىدارە بىلەن بىرلىشىپ كروران قەدىمىي شەھىرىنى ساياھەت قىلماقچى بولغان ھەر بىر چەت ئەللىك ساياھەتچىدىن 10 مىڭ يۈەن ئاسارە ‏- ئەتىقە قوغداش ھەققى ئالغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ خالىغانچە زىيارەت قىلىشىغا قويۇپ بېرىدىكەن.

ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ساياھەت شىركىتىنىڭ تەڭرىتاغ تور بېتى مۇخبىرىغا ئاشكارىلىشىچە، كىرورەنگە كىرىپ ساياھەت قىلىشتا چاقىلىق ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مىڭ خەنگاۋنىڭ دېگىنى ھېساب بولۇپ، ئۇ ساياھەت قىلغۇچىلاردىن قانچە پۇل ئالغۇسى كەلسە شۇنچە پۇل ئالىدىكەن. مىڭ خەنگاۋ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ساياھەتچىلەردىن پۇل ئېلىپ رۇخسەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئىقرار قىلىپ، بۇمۇ كروران قەدىمىي شەھىرىنى قوغداشقا مەبلەغ يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىر يولى، ھازىر بەرىبىر بۇ قەدىمىي شەھەردە ھېچنېمە قالمىغان تۇرسا " دەپ جاۋاب بەرگەن. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.