11 - خىتايدا كادىرلار تۈزۈمى دېھقانلار ئۈچۈن نامۇۋاپىق
"دېھقانلاردىكى نامراتلىقنى نامۇۋاپىق تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، ھۆكۈمەت "دېمۇكراتىك ئۇسۇلدا كادىر تاللاش" دەپ تەشۋىق قىلىدۇ. ئەمىلىيەتتە "كادىرلارنى دېمۇكراتىك تاللاش" تاللاش دېگەن يالغان. چۈنكى كادىرنى يۇقۇرىدىن كۆرسىتىدۇ ۋە ئۆستۈرىدۇ. دېھقاننىڭ ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى بولۇشقا ئىمتىھان بېرىش لاياقىتى يوق. كادىر بولۇش ئۈچۈن يۇقۇرىنى ئىزدەش كېرەك، تىز يول مېڭىپ ئەمەلدارنىڭ چۆنتىكىگە پۇل سېلىش كېرەك. كادىرلار خىزمىتىنى ئىشلەيدىغانلارمۇ قولىدىكى ھۇقۇقنى تىز ئىشلىتىپ پۇل تېپىۋېلىشنى ئويلايدۇ، ئۇنداق قىلمىسا پۇرسەت ئۆتۈپ كېتىدۇ. دېھقانلار بولسا خەلق ئۈچۈن ئىشلىمەيدىغان كادىرلارنى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشنى ئۈمىت قىلىدۇ.ئەمما كادىر مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان، كادىر تاللايدىغان كىشىلەر قانچە كۆپ ئالماشتۇرۇلسا، خەلقنىڭ سېلىقى شۇنچە تىز ئېغىرلىشىدۇ. تېگى - تەكتىدىن ئەيتقاندا خىتايدا دېھقانلارنىڭ كادىر بولۇش ھۇقۇقى يوق.
12 - خىتايدا قانۇن تۈزۈمى دېھقانلار ئۈچۈن نامۇۋاپىق
"دېھقانلاردىكى نامراتلىقنى نامۇۋاپىق تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، ھۆكۈمەت "قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش" دەۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى، ئەمدى "قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش بارغانسىرى مۇكەممەللىشىۋاتىدۇ" دېيىشكە باشلىدى. ئەمما قانۇنغا خىلاپلىق قىلدىغان دېھقان بارغانسىرى كۆپەيمەكتە. بىر دېھقان مىڭ تەستە 500 يۇەن پۇل توپلاپ شەھەرگە كىرگەن. يول پۇلىنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن قولىدا ئاران 200 يۇەن پۇل قالغان. بۇ پۇل ئۇنىڭ شەھەردە ۋاقىتلىق تۇرۇش كېنىشكىسى، سالامەتلىك گۇۋانامىسى، دېگەندەك بىرمۇنچە كىنىشكە- گۇۋانامىلارنى ئېلىشى ئۈچۈن يەتمىگەن. بۇنداق كىنىشكىلەرنى ئالمىسا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. ئەمدى ئۇنىڭ يۇرتىغا قايتىپ كېتىشكىمۇ پۇلى يوق، پەقەت ئۇنىڭ ئۈچۈن شەھەردە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ تۇرۇشتىن ئىبارەت بىرلا يول بار. شەھەردە ناھەقچىلىققا ئۇچرىسا، ئەرىز قىلىش ئۈچۈن پۇلى يوق. ئۇ ھەقلىق - يوللۇق بولسىمۇ، پۇل بولمىسا، ئادۋىكات ياللىيالمىسا ئەرزى ئاقمايدۇ. ئەرزى ئاقمىسا، مەسىلىنى ئۇ ئۆزى ھەل قىلىمەن دېسە، قانۇنى رەسمىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، تېخىمۇ چوڭ قانۇنسىزلىق بولىدۇ. دېھقانلار مۇشۇنداق تۇيۇق يولدا. يېزىلاردىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭمۇ ئەھۋالى غەلىتە. ھۆكۈمەت يېزىلىق ھۆكۈمەتلەرگە كېتىدىغان خىراجەتنىڭ 60% نى دۆلەت مالىيىسىىدن بۇيرۇپ بېرىدۇ. قالغان 40% نى ئۇلار ئۆزلىرى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ دېھقانلاردىن يىغىۋېلىشقا مەجبۇر. ساقچى پونكىتلىرى خەلقنى قوغدايدىغان ئورگان دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما ھۆكۈمەت ئۇلاردىن ھەر يىلى يۇقۇرىغا 80 مىڭ يۇەن پۇل تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلار بۇ پۇلنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ خەلقتىن توپلىمىسا نەدىن تاپىدۇ؟ دېمەك، ئاساسى قاتلامدىكى ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى لۈكچەكلەرگە ئايلانغان. ئاخىرقى ھېساپتا بوزەك بولىدىغىنى يەنىلا دېھقان. پۇلى يوق دېھقان قانداق قىلىپ قانۇن بىلەن ئۆزىنى قوغدايدۇ؟
13 - خىتايدا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تۈزۈمى دېھقانلار ئۈچۈن نامۇۋاپىق
"دېھقانلاردىكى نامراتلىقنى نامۇۋاپىق تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە،
يېزىلاردا ئېلىپ بارغان بىر نەچچە قېتىملىق ئىسلاھات سودا - سانائەت خىزمىتىنى كۇچايتىش، باج خىزمىتىنى كۇچايتىش، مالىيە خىزمىتىنى كۇچايتىش، يەر خىزمىتىنى كۇچايتىش، يېزىلارغا كېرەكلىك تەخنىكا مۇلازىمىتىنى كۇچايتىش دېگەن شەرتلەر ئاستىدا ئېلىپ بېرىلدى. دېمەك يېزىلاردا ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھات ئارقىلىق يېزىلاردا پۇل يىغىۋالىدىغان تارماقلار كۇچايتىلدى. دېھقانلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتنىڭ باھاسى تۈۋەن، ئەمما ئۇلار سېتىۋالىدىغان ئۇرۇغ، ئۇغۇت دېگەنلەرنىڭ باھاسى يۇقۇرى، يەنى تەخنىكىنىڭ باھاسى يۇقۇرى. يېزىدىن چىققان يېزا ئېگىلىك تەخنىكا خادەملىرى يېزىلارغا كەلمەي شەھەرلەردە قالىدۇ. چۈنكى يېزىلار ئۇلارغا يۇقۇرى ئىش ھەققى بېرەلمەيدۇ. ئومۇمەن، ھۆكۈمەت "دېھقانلارنىڭ سېلىقىنى يېنىكلەشتۈرۈش" دېگەن بايراق ئاستىدا قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە دېھقانلارنىڭ سېلىقى ئېغىرلاپ ماڭدى. پايدىنى قولىدا ھۇقۇق بار پارتىيە خادەملىرى ئالدى. يېزىلاردا پەن - تەخنىكىنى كېڭەيتىش دېگەن قۇرۇق گەپ بولۇپ قالدى. بۇنداقتا دېھقانلار نامراتلاشمامدۇ؟
14 - خىتايدا بازار ئىگىلىكى تۈزۈمى دېھقانلار ئۈچۈن نامۇۋاپىق
"دېھقانلاردىكى نامراتلىقنى نامۇۋاپىق تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا ئىسلاھات ئەڭ بۇرۇن يېزىلاردا باشلاندى. دېھقانلار يەرلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ يەككە ئىشلەيدىغان بولدى. بۇنىڭغا قاراپ كىشىلەر، بولۇپمۇ دۇنيا خىتايدا دېھقانلار بازار ئېگىلىكىنىڭ ئاساسى مەيدانى دەپ قاراۋاتىدۇ. ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، دېھقانلار بازار ئېگىلىكى ھۇقۇقىنى تېخى ئۆز قولىغا ئالغىنى يوق. ئۇلاردا بازار ئەركىنلىكى يوق. مەسىلەن، دېھقانلار بۇيرۇققا بىنائەن يەرلەرنى تېرىماي ئارام ئالدۇرغان يىللاردىمۇ سېلىق تاپشۇرمىسا جەرىمانە تۈلەيدۇ. ئەمىلىيەتتە ئۇلار زورلۇق ئاستىدا. نەچچە يۈز مىليۇنلىغان دېھقان ھۆكۈمەتنىڭ زورلۇقى ئاستىدا ناھايىتى كۆپ ھەقسىز ئەمگەك سەرپ قىلىپ، تەننەرقى ئەرزان مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ، شەھەرلەرنى ئەرزان مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنى ھۆكۈمەت "يېزىلارنىڭ بازار ئېگىلىكىگە يۈزلىنىشى" دەپ بورمىلاپ چۈشەندۈرىدۇ. سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى دېگەندەك كەسىپلەر بۇيىچە قۇرۇلغان ئىكىسپىلاتاتسىيە قىلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان ھەرخىل ئۇيۇشمىلار خېلى كۆپ، ئەمما دېھقانلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇشقا يول يوق. دېھقانلار قانۇنى رەسمىيەت ئۆتەپ قۇرغان كارخانىلارنىمۇ، ھۆكۈمەت خالىغان ۋاقىتتا ھۆججەت چۈشۈرۈپ تارقىتىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ زىيىنى دېھقاننىڭ ئۆزىگە. بۇنداقتا دېھقان نامرات بولماي قالامدۇ؟ (ۋەلى)