خىتاي قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئۈرۈمچىدە تەييارلىق توپچىلار پولكىنى قۇردى
2005.08.19
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى تەييارلىق پىيادىلەر قىسمىنىڭ توپچىلار پولكى 18 - ئاۋغۇست كۈنى ئۈرۈمچىدە رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر پولك، خىتاينىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان بولۇپ، بۇ پولكنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى 2005 - يىلىنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى، تۇدۈڭخې رايونى ۋە داۋانچىڭ رايونلىرىدا باشلانغان.
خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پولكنىڭ ئوفىتسېر، ئەسكەرلىرى ئۇرۇش مەزگىلىدە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلسا، باشقا چاغلاردا بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىكەن. شۇنداقلا بۇ ئەسكەرلەر، ئۈرۈمچىدىكى 30 نەچچە پارتىيە - ھۆكۈمەت ئورگىنى ۋە كارخانا، ئىدارىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى، خىتاينىڭ بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش مەقسىتىدە، بۇ يەردە خىتاي ئەسكەرلىرىنى كۆپەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي ئەسكەرلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىن مەنپەتلەندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋە توپىلاڭدىن مۇداپىئەلىنىش ئەترەتلىرىنى قۇردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى "تېررورچىلىققا قارشى كۆرەش" نى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ باستۇرماقتا
- خىتاي تېررورچىلىققا قارشى قانۇن بېكىتمەكچى
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورچىلىققا قارشى چېنىقىش بازىسى قۇردى
- خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە ئايرۇپىلاننى گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىگە قارشى مانېۋىر ئۆتكۈزدى