5 ‏- فېۋرال ۋەقەسى توغرىسىدىكى ئەسلىمە (2)

0:00 / 0:00

بۇنىڭدىن 11 يىل ئىلگىرى يەنى 5 ‏- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى يۈز بەرگەندە غۇلجا شەھىرىدە ساقچى بولۇپ ئىشلىگەن ، بەختىيار شەمشىدىن ھازىر گوللاندىيىدە ياشىماقتا ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومېتىتىنىڭ رەئىسى ۋە گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە. ئىلگىرى ساقچى بولغان بەختىيار ئەپەندىم نېمە ئۈچۈن ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرىدا غوللۇق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىگە ئۆزىنى ئاتىدى؟ ئۇ بۇ ھەقتە «مېنىڭ ئۈتمۈشتە بېشىمدىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشلىرىم، مېنى ۋەتىنىم ئۈچۈن مىللىتىم ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا مەجبۇرلىدى» دەيدۇ. مۆھتىرەم رادىئو ئاڭلىغۇچىلار بىز ئالدىنقى پروگرامىمىزدا بەختىيار ئەپەندىنىڭ ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غۇلجا ۋەقەسىنى باستۇرۇش ئەھۋالى ھەققىدە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن رىئال كەچۈرمىشلىرى توغرىسىدىكى بايانلىرىنى سىلەرگە ئاڭلاتقان ئىدۇق . بۈگۈن مەزكۈر ئاڭلىتىشىمىزنىڭ داۋامىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

ھۆرمەتلىك بەختىيار ئەپەندىم، كىشىلەر سىزنى، ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ، غۇلجا ۋەقەسىدىكى باستۇرۇشلارنى ساقچىلىق سالاھىيىتىدە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بىردىن ‏- بىر شاھىد دېيىشىدۇ، شۇڭا سىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەسلىمىلىرىڭىز مەيلى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ۋە ياكى چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلار ئارىسىدا بولسۇن ئالاھىدە تەسىر قوزغىماقتا. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز سىزنىڭ غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدىكى بايانلىرىڭىزنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن سىزنى زىيارەت قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. سىزنىڭ زىيارىتىمىزنى تەكرار قوبۇل قىلغانلىقىڭىزغا كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن.

ئۆتكەنكى قېتىملىق سۆھبىتىمىزدە سىز بىزگە 5 ‏- فېۋرال ۋە 6 ‏- فېۋرال كۈنلىرى يۈز بەرگەن غۇلجا ۋەقەسىنىڭ قانداق باستۇرۇلغانلىق جەريانى ۋە 30 مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەمدە تۈرمە ئىچىدە يۈز بەرگەن بەزى ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدىڭىز . بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدە سىز شاھىد بولغان شۇنداقلا ئېسىڭىزدىن چىقمايدىغان ، بىزگە ئېيتمىغان ۋەقەلەر ھەققىدە سۈزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

خىتاي ھۆكۈمىتى ، غۇلجا ۋەقەسىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئېتىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەندە ھەتتا بىر ئائىلىدىن بىر قانچە بالىلارنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن خەۋەردار بولغان ئىدۇق . سىزنىڭ بۇنىڭدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟

ئالدىنقى سۆھبىتىمىزدە سىز بىزگە، قولغا ئېلىنغان قىزلارنىڭ خىتاي ساقچى ۋە ھەربىيلىرىنىڭ قاتتىق قېيىناشلىرىدا قول - پۇتلىرى سۇنغان ، يۈز ‏- كۆز قۇلاقلىرى زەخمىلەنگەن بولسىمۇ ، قىلچە پىسەنت قىلماي كۆزىدىن بىر تامچە ياش ئاققۇزمىغانلقىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدىڭىز . ئۇيغۇر قىزلىرىدىكى بۇ روھنى كۆرگەن خىتاي ساقچى ۋە ھەربىيلىرى قانداق ھالەتتە ئىدى. ئۇلارنىڭ ھالىتىنى بىزگە تەسۋىرلەپ بېرەلەمسىز ؟

بەختىيار ئەپەندىم ، سىز ساقچى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىش يولى ئارقىلىق ئەمەس بەلكى يوشۇرۇن قېچىپ كېتىش ئارقىلىق قۇتۇلغان ئىكەنسىز ؟ سىزنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساقچىسى بولماسلىقىڭىزغا تەسىر كۆرسەتكەن ئاساسلىق سەۋەب، غۇلجا ۋەقەسىنىڭ باستۇرۇلۇشىمۇ؟

بىز ئەينى چاغدا يۈز بەرگەن 5 ‏- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدە ، ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلار ئارىسىدا بالىلارنىڭمۇ بارلىقىنى، مەزكۈر نامايىش جەريانىدا ئېلىنغان سىن ئالغۇ لىنتىسىدىن كۆردۇق. خىتاي ساقچىلىرى بالىلارنىمۇ ئوققا تۇتقانمىدى؟

غۇلجا ۋەقەسىگە شاھىد بولغۇچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدا خىتاي ساقچىلىرى قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر قىزلىرىنى قاتتىق قىينىغاندىن سىرت، ھەتتا بىر قىسىملىرىغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىدىن خەۋەردار بولغان ئىدۇق ، سىزنىڭ بۇنىڭدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟

خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن، تىنچ يوسۇندا نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلارنى قورال ئىشلىتىش ئارقىلىق باستۇردى؟ ئۇلارنىڭ تۈپ مەقسىدى زادى نېمە؟