ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە، نورۋىگىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار 1997 -يىلى 2 - ئايدا يۈز بەرگەن 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋتى بىلەن شۇ دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا.
ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى نامايىش ھەققىدىكى باياناتىدا، بۇ كۈننى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى "ئەڭ قاراڭغۇ ۋە ئەڭ ئېچىنىشلىق بىر كۈن،" دەپ كۆرسەتتى شۇنداقلا ھەر قانداق ئۇيغۇرنىڭ بۇ كۈننى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سېكرېتارىياتى بۇ ھەقتىكى باياناتتا، شۇ كۈنى گېرمانىيىدە نامايىش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.
نورۋىگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى - 5 فېۋرال كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتى نامايىشقا ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، قازاقلار، قىرغىزلار، موڭغۇللار، ئۆزبېك، تاجىك، تاتارلار ۋە شىۋەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلدى. كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئۇلارس ھۇ كۈنى تورونتودىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزمەكچى ئىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىشى مۇمكىن. كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئالدىنقى يىلى ئېلان قىلغان غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدىكى باياناتتا، خىتاي دائىرىلىرىنى ۋەقەدە نامايىشچىلارغا چېكىدىن ئاشقان كۈچ قوللانغان ئەمەلدارلار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ۋە ئۇلارنى جاۋابكارلىققا تارتىش تەلەپ قىلغان ئىدى. (ئەركىن)
