خىتاي ئالبانىيىنى گۈەنتانامۇدىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە يەنە ئۈندىدى


2006.05.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

گۈەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن 5 نەپەر ئۇيغۇرغا ئالبانىيە سىياسىي پاناھلىق بەرگەندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى ئالبانىيە بىلەن ئامېرىكىنى تەنقىد قىلدى ۋە ئالبانىيە دائىرىلىرىدىن بۇ 5 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى يەنە تەلەپ قىلدى.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئەسكەرتىشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى ئامېرىكا بىلەن ئالبانىيىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، " بۇ 5 كىشى ھەرگىز سىياسىي مۇساپىر ئەمەس. ئۇلار گۇمانلىق شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى" دەپ كۆرسەتتى.

ليۇ جيەنچاۋنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ گۇمانلىق بەش كىشىنى جۇڭگوغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك، دەپ قارايدىكەن. ليۇ جيەنچاۋ، ئامېرىكا بىلەن ئالبانىيىنىڭ ھەرىكىتى خەلقئارا قانۇنلار ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىغا ئاشكارا خىلاپ " دەيدۇ. لېكىن ئۇ ، بۇنىڭ قايسى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرمىدى.

ئامېرىكا بۇ 5 نەپەر ئۇيغۇرنى "دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس" دەپ ئاقلىغان. بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ 5 نەپەر ئۇيغۇر ئۆتكەن جۈمە كۈنى تېراناغا يېتىپ بارغاندىن بېرى 2 - قېتىم ئۇلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشىدۇر. بۇنىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ ئالبانىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تيەن چاڭچۈن، ئالبانىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇ بەش نەپەر ئۇيغۇرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى رەسمىي تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ليۇ جيەنچاۋ سەيشەنبە كۈنكى باياناتىدا "شەرقىي تۈركىستان خەلقئارا تېررورلۇق كۈچلىرىنىڭ بىر قىسىمى، ئۇلارنىڭ ئەل قائىدە ۋە تالىبان بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بار " دەيدۇ.

شەرقىي تۈركىستان، ئۇيغۇرلار تارىختا قۇرغان ۋە ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولۇۋاتقان دۆلەتنىڭ سىياسىي- جۇغراپىيىۋى نامى. لېكىن ليۇ جيەنچاۋ بۇ يەردە نېمە ئۈچۈن سىياسىي- جۇغراپىيىۋى بىر نامنى تېررورچى تەشكىلات سۈپىتىدە قوللانغانلىقىنى چۈشەندۈرمىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.