ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ۋەكىللىرى ئىككى چوڭ يىغىندا نېمە ئۈچۈن ھاشار سىياسىتىنى يوق قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويمايدۇ؟
2007.03.07
ئىككى چوڭ يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ۋەكىللىرى نېمىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ھەققىدە ئۇيغۇرچە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلغان خەۋەرلەر بىلەن خىتايچە ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلغان خەۋەرلەر ئوخشىمايدۇ. ئۇيغۇرچە تەڭرىتاغ تور بېتىدە: خەلق ۋەكىلى جاۋپىڭ يىغىندا 'جەمئىيەتتە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسەتلىرى تولۇق بولۇشى كېرەكلىكى؛ ئىگە-چاقسىز، يېتىم -يېىسر، مېيىپلەر بېقىش شارائىتىغا ئىگە قىلىنىشى لازىملىقى؛ دورا قىممەت، داۋالىنىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش لازىملىقى؛ پۇل بالىلارنىڭ ئوقۇش يولىدىكى پۇتلىكاشاڭ بولۇپ قالماسلىقى لازىملىقى؛ ناھەق، يالغان، خاتا دېلولارنى قالدۇرماي بىر تەرەپ قىلىش لازىملىقى؛ بەزى كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن مائاشلىرىنى ئاشكارىلاپ، كىرىمنى ئادىل تەقسىم قىلىپ، پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش لازىملىقى؛ شىركەتلەردە خىزمەتچىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش لازىملىقى؛ مۇھىتنى بۇلغاشنى قەتئىي چەكلەش لازىملىقى' قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى دەپ خەۋە قىلىنغان بولسا، شىنجاڭ خەلق رادىئو ستانسىسىنىڭ خىتايچە خەۋەرلىرىدە: ۋەكىل ئابدۇللا ئابباسنىڭ 'مەركەزگە قارايدىغان مەكتەپلەر خىتايچە ئوقۇيدىغان مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى ھەر يىلى 10 مىڭغا يەتكۈزۈش، يەرلىك مەكتەپلەر 15 مىڭغا يەتكۈزۈش لازىم، دەپ مەركەزگە جىددىي تەلەپ قويغانلىقىنى ئالاھىدە تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ.
چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسا، ھەقسىز ئەمگەك خىتاينىڭ ھېچقانداق يېرىدە يوق، ئەمما ھۆكۈمەت ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى 'ھاشار' دېگەن ھەقسىز ئەمگەككە مەجبۇرلايدىغان ئىش پەقەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىلا بار، ئۆزىنى 'خەلقنىڭ ۋەكىلى' دەپ ئاتىغان كىشىلەر نېمە ئۈچۈن بۇنداق سىياسەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويمايدۇ، دەپ سۇئال سورىماقتا. (ۋەلى)
ikki-yighin
- ئۇيغۇر ئىلىدىن كەلگەن ۋەكىللەر نىڭ خىتايدىكى "ئىككى چوڭ يىغىن "غا سۇنغان تەكلىپلىرى
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەكىللىرى ئۇيغۇرلار مەنپەئەتى ئۈچۈن سۆزلىيەلەمدۇ؟
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتايدىكى مەدىكار سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى
- ئۇيغۇر ئېلىدە دېھقانلار يەنە ھاشارغا ھەيدەلمەكتە
- بىڭتۇەن ئۆزىنىڭ 17 - قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان ۋەكىلىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىغا ۋاكالىتەن قاتنىشىدۇ دەپ جاكارلىغان