خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 7 دۆلەتنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى كېلەر ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىگە يىغىلىپ، بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئوتتۇرا مەنزىللىك ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق پىلانىنى ماقۇللىماقچى.
خىتاي مالىيە مىنىستىرلىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۈي كۇيلىننىڭ خىتاي مەتبۇئاتلىرىغا ئاشكارىلىشىچە، 18 - ئۆكتەبىردىن 20 - ئۆكتەبىرگىچە ئېچىلىدىغان يىغىندا ئافغانىستان، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، موڭغۇلىيە، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان ۋە خىتاي مالىيە مىنىستىرلىرى رايون خاراكتېرلىك ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى، ئەيدىز ۋە قۇش زۇكام ۋىروسى قاتارلىق كېسەللىكلەر ئۈستىدە ھەمكارلىشىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ دائىرىلىك ھەرىكەت پىلانىنى ماقۇللايدىكەن.
جۈي كۇيلىن، شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بۇ پىلان بۇنىڭدىن كېيىنكى 3 يىلدىن 5 يىلغىچە بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ يىتەكچى قوللانمىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچى كۈچلىرىنىڭ رايوندا ئاكتىپ ھالەتكە ئۆتۈشىدىن قورقۇپ، رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇناسۋەتنى كۈچەيتمەكتە.
تۆمۈريول ۋە تاشيول قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بۇ خىل ئىستىراتىگىيىلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش پىلانىنى بىر قىسىمى. ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى قاتارلىق خەلقئارا ئورگانلار بۇ قۇرۇلۇش ئۈچۈن ھازىرغا قەدەر 440 مىليون دوللار قەرز، 83 مىليون دوللار ياردەم بەرگەن. (ئەركىن)