ماراكەش دائىرىلىرى دولقۇن ئەيسانى چېگرادا تۇتۇپ قېلىپ قايتۇرىۋەتتى

دولقۇن ئەيسانىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا بىلدۈرىشىچە، ماراكەش ئىچكى ئىشلار ۋازارىتى ۋە دۆلەت ئامانلىقى باش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا بېرىلگەن يازما ئۇقتۇرۇشتا، ئۇنىڭ ماراكەش تەۋەلىكىگە كىرىشىنى مەنئى قىلىش قارارى بارلىقى بىلدۈرۈلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مەركىزىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك يىغىنى (IRF Summit) نىڭ شىمالىي ئافرىقا تارماق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 20-ئىيۇل كاسابلانكا شەھىرىگە يېتىپ بارغاندا، ماراكەش بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن ئايرۇدرۇمدا تۇتۇپ قېلىنىپ، 15 سائەت ئەتراپىدا توختىتىپ قويۇلغاندىن كېيىن، گېرمانىيەگە قايتۇرىۋېتىلگەن.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس ئۆزىنىڭ فېيسبۇك ھېساباتىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆزى ۋە ئابدۇلھەكىم ئىدرىسلارنىڭ كاسابلانكادا بۇ ئەھۋالغا شاھىت بولغانلىقىنى، ماراكەش دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ دولقۇن ئەيسانى قايتۇرىۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ ئۈنىمى بولمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ ۋەقەنى خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان زۇلۇم ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى دەپ تەكىتلىدى.

دولقۇن ئەيسانىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا بىلدۈرىشىچە، ماراكەش ئىچكى ئىشلار ۋازارىتى ۋە دۆلەت ئامانلىقى باش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا بېرىلگەن يازما ئۇقتۇرۇشتا، ئۇنىڭ ماراكەش تەۋەلىكىگە كىرىشىنى مەنئى قىلىش قارارى بارلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 1997-يىلى دولقۇن ئىساغا خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى (ئىنتېرپول) ئارقىلىق قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ كۆپ يىللىق تىرىشچانلىقى نەتىجىسدە، بۇ تۇتۇش بۇيرۇقى 2018-يىلى بىكار قىلىنغان، ئەمما ئۇنىڭ پاسسىپ تەسىرى دولقۇن ئىسانىڭ خەلقئارالىق سەپەرلىرىدە يەنىلا داۋاملاشماقتا. ئۇ ئىلگىرىمۇ جەنۇبىي كورېيە، ھىندىستان، ئىتالىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ، شۇنداقلا ب د ت يىغىنلىرىغا كىرىش جەريانىدا ئوخشاش توسقۇنلۇقلارغا دۇچ كەلگەن.

27-ئىيۇل دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، ماراكەش ھۆكۈمىتىدىن دولقۇن ئەيسانى تۇتۇپ قېلىش ۋە ياندۇرۇۋېتىش ھەققىدە ئېنىق ئىزاھات بېرىش؛ بۇ قارارنىڭ خىتاينىڭ بېسىمى ياكى كۆرسەتمىسى ئاساسىدا چىقىرىلغان-چىقىرىلمىغانلىقىنى ئاشكارىلاش؛ دولقۇن ئەيساغا ئائىت ۋاقتى ئۆتكەن ياكى سىياسىي مەقسەتتە تەييارلانغان كونا كىرىش چەكلىمىسى ئارخىپلىرىنى ئۆچۈرۈش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، گېرمانىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ماراكەش دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، چەتئەللەردە خىتاينىڭ سىياسىي پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىنى پائال قوغداشقا چاقىردى.