50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاي قانۇنىغا قارشى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى

باياناتتا، خەلقئارا جەمئىيەتنى سۆز بىلەنلا توختاپ قالماي، ئېنىق ۋە ئۆزئارا ماسلاشقان ئىنكاسلار ئارقىلىق ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىلدى.

21-ئىيۇل دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىتەكچىلىكىدە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتى ۋە مائارىپ-مەدەنىيەت ئورگانلىرى بىرلىكتە جىددىي بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 2026-يىلى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»نى كۈچلۈك ئەيىبلىدى ھەمدە بۇ قانۇننى جىددىي بىكار قىلىشقا چاقىردى.

باياناتتا بۇ ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى»نىڭ ئادەتتىكى بىر مەمۇرىي باشقۇرۇش تەدبىرى ئەمەس، بەلكى قانۇن شەكلى ئارقىلىق مەجبۇرىي ئاسسىمىلاتسىيەنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قورال ئىكەنلىكى كۆرستىلگەن ھەمدە مەزكۇر قانۇن جۇڭخۇا مىللىتى بىلەن خىتاي كومپارتىيىسىنى ئوچۇق-ئاشكارا بىر گەۋدە قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆز كىملىكىدىن ۋاز كېچىپ، كومپارتىيىگە ۋە «خىتايچە سوتسىيالىزم»غا سادىق بولۇشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى، شۇنداقلا، جازا لاگېرلىرى تەسىس قىلىش، مىللىي مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقادنى ۋەيران قىلىش، بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئائىرۋېتىش قاتارلىق خەتەرلىك سىياسەتلەرنىڭ جىددىي رەۋىشتە تۈزۈملەشتۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە مەزكۇر قانۇننىڭ 63-ماددىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، بۇ ماددىنىڭ پەقەت مۇھاجىرلارغا قارىتىلىپلا قالماي، بەلكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىقا سېلىنغان ئوچۇق-ئاشكارا تەھدىت ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

بىرلەشمە باياناتتا، مۇناسىۋەتلىك خەلقائارا تەشكىلاتلارنى خىتاينى بۇ قانۇننى بىكار قىلىشقا قىستاش، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى بۇ قانۇننى ئوچۇق-ئاشكار ئەيىبلەش، پارلامېنتلارنى بۇ قانۇننى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش، ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنى قوللاش قاتارلىق تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

باياناتتا، خەلقئارا جەمئىيەتنى سۆز بىلەنلا توختاپ قالماي، ئېنىق ۋە ئۆزئارا ماسلاشقان ئىنكاسلار ئارقىلىق ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىلدى.