ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ ھەربىي مانېۋىرىنى ئەيىبلىدى
2007.08.10
ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى قۇرۇلۇشى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە بىلەن خىتاي باشچىلىقىدىكى شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ 9 - ئاۋغۇستتىن17 - ئاۋغۇستقىچە ئۈرۈمچى ۋە رۇسىيىنىڭ چىليابىنسكىي رايونلىرىدا ئېلىپ بارماقچى بولغان ھەربىي مانېۋىرى، "تېررورچىلىق" قا قارشى تۇرۇشلا ئەمەس، بەلكى يەرلىك خەلقنى تىزگىنلەشكە قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا، ھەربىي مانېۋىر خىتاي ھۆكۈمىتى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئۇيغۇرلارنى قورقۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتتى. باياناتتا يەنە مۇنداق دەيدۇ، " شاڭخەي گۇرۇھى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى ۋە ئۇيغۇر خەلقنىڭ دېموكراتىك تەلەپلىرىنى باستۇرۇشتىكى يەنە بىر قورالى بولۇپ قالدى".
ئۇيغۇر تەشكىلاتى باياناتىدا يەنە، شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە مانېۋىرنى كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقىنى ئەيىبلەپ، "شاڭخەي گۇرۇھىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىشى رۇسىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستانلار خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى نامايەن قىلىشتۇر " دەپ كۆرسەتتى.
شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرنىڭ باش شتاب رەھبەرلىرى پەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىگە يىغىلىپ، مانېۋىرنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلىغان. مانېۋىرنىڭ ئەمەلىي ھەربىي مەشغۇلاتى شەنبە كۈنى رۇسىيىنىڭ چىليابىنسكىي رايونىدا باشلىنىدۇ. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- "بىشكەكتە ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر تۇتقۇن قىلىنماقتا"
- قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنستىرى
- ياپونىيە قىرغىزىستانغا ئاكتىپ ياردەم بېرىدۇ
- خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە مانېۋىر ئېلىپ بارماقچى
- بىشكەك سەنئەتكارلىرى شاڭخەي ھەمكارلىقىنىڭ يىغىنىغا جىددىي تەييارلىق قىلماقتا
- قىرغىزلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بارغانسېرى جىددىيلەشمەكتە
- ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلماقچى
- قۇلۇپنىڭ قىرغىزىستاننى رۇسىيىگە قېتىش تەكلىپى مەركىزى ئاسىيالىقلارنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى
- ئولىمپىك مۇراسىمى يېقىنلاپ كەلمەكتە، خىتايدا ناميىش - قوزغىلاڭ قىستاپ كەلمەكتە
- ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ دېموكراتىك مەركىزى - قىرغىزىستان