خىتاينىڭ شىنخۇا تورىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ 9-قېتىملىق يىغىدىن بۇيان بىر قىسىم سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى " چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق رايونىدىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە مىللىي تىلدىكى گېزىت-ژۇرناللارنى تەرجىمە قىلىش مەبلەغلىرىنى ھەل قىلىش" ھەققىدە لايىھە سۇنغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارارىتى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەبلىغىنى ئەسلىدىكى ئىككى مىليون يۈەندىن تۆت مىليون يۈەنگە كۆپەيتمەكچى بولغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بىر قانچە نەپەر سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مىللىي تىلدىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ماتېرىياللىرىنى كۆپلەپ تەرجىمە قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان. لېكىن، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەسلىدىن ئىككى مىليون يۈئەن ئاجرىتىشىنىڭ ئۆزى ناھايىتى ئاز بولۇپ، بۇنىڭ ئاران تۆت مىليون يۈئەنگە كۆپەيتىلىشى ئىقتىسادىي تېز تەرەققى قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ھېچ نەرسە ئەمەس.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىنلا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ياردەم بېرىش دېگەننى دېگەننى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇسنىڭ 60 %نى تەشكىل قىلىشىغا قارىماي، ئۇلارنىڭ تىلىدا چاقىرىلىدىغان ماتېرىياللارغا ئاجرىتىلىدىغان مەبلەغ ئەزەلدىن خىتاي تىلىدىكىدىن ئاز بولۇپ كەلگەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا تېخىمۇ زور مەبلەغ ئاجرىتىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى بارا-بارا پەقەت ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان تىل دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويۇلۇشقا قاراپ يۈزلەندۈرۈلگەن.(ئۈمىدۋار)
