سەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر شەھىرىدە 11 - ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى ۋە تىلشۇناس مەھمۇد قەشقەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
"تۈركى تىللار دىۋانى" ماخمۇد قەشقىرىنىڭ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن بىردىن - بىر ئەسىرى. مەھمۇد قەشقەرى قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ خان جەمەتى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. قاراخانىلار 10 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 13 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە، قەشقەرىيە ۋە ماۋرەنۇنەھىر رايونلىرىنى ئىدارە قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك خانلىقلارنىڭ بىرى ئىدى.
مەھمۇد قەشقەرى "تۈركى تىللار دىۋانى" دا چىن ۋە ماچىن، دېگەن ناملارغا تەدبىر بېرىپ، چىن ۋە ماچىنلارنى تۆۋەنكى چىن ۋە يۇقىرى چىن، دەپ ئاتىغان. شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلەر بۇ نام قاراخانىلار تېرىتورىيىسىنىڭ خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت دەپ قارىغان. ئەمما بۇ قاراشنى تەنقىد قىلغۇچىلار، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ دىۋانىدىكى چىن ۋە ماچىنلار خىتاينى ئەمەس، بەلكى سەددىچىننىڭ سىرتىدىكى توبالار ۋە خوتەنگىچە بولغان رايونلارنى كۆزدە تۇتىدۇ، دەپ قارىماقتا. (ئەركىن)