رۇسىيە زامانىۋى مۇزىكا سەنىتىنىڭ چولپانلىرىدىن بىرى، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا كەڭ تونۇلغان ئۇيغۇر ناخشىچى ۋە كومپوزىتور مۇرات ناسىروفنىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا ساق بىر يىل تولدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رۇسىيە ۋە باشقا مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى مەتبۇئاتلىرىدا مۇرات ناسىروفنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلانغان بىر قىسىم ماقالىلار ئېلان قىلىندى، شۇنىڭدەك ئالمۇتادىكى ئۇيغۇر جامائىتى تۈرلۈك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى.
مۇرات ناسىروف ئۆتكەن يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى موسكۋادىكى ئۆيىنىڭ بالكونىدىن چۈشۈپ كېتىپ تۇيۇقسىز ۋاپات بولغان بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشى جىددىي ئىجادىيەت ۋە كۆپلىگەن يېڭى پىلانلار بىلەن تولغان 37 ياشلىق مەزكۇر چولپاننىڭ تەسادىپىي ئۆلۈمى رۇسىيە جامائىتىنى ھەيران قالدۇرغان شۇنىڭدەك مۇراتنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىرى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار ئېلان ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك تۈپەيلىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى تېخىمۇ كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان بولۇپ، مۇراتنىڭ ئايالى، ئاكىسى ، دوستلىرى بۇنى قەتئىي رەت قىلىپ، ئۇنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك چەكمەيدغانلىقى شۇنىڭدەك ئىسلامىي دىنى ئېتىقادى كۈچلۈك، كۆپلىگەن پىلانلارنى كۆڭلىگە پۇككەن ئەھۋال ئاستىدا ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ ئۆزىنى ئۆلتۇرۈۋالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
رۇسىيە ۋە قازاقىستان مەتبۇئاتلىرى مۇراتنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىرلىق ھادىسە ئىكەنلىكىنى يېزىشتى. بىراق، بىر يىلدىن بۇيان مەزكۇر دېلونىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى دېگەن يەكۈنىدىن باشقا ھېچ قانداق ئىلگىرىلەش بولمىغان.
مۇرات ناسىروفنىڭ ئالماتادا ياشايدىغان ئاكىسى، قازاقىستان ئارمىيىسىنىڭ پەنسىيىگە چىققان پولكوۋنىكى نىجات ناسىروف ئەپەندى ئۇكىسىنىڭ ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئەلۋەتتە، مۇرات ناسىروفنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ مۇراتنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىغانلىق ئېھتىماللىقىغا قەتئىي ئىشىنىشىگە مەلۇم سەۋەب بار بولۇشى مۇمكىن. ئەگەردە ئۇلارنى گۇمانغا سالغان كۆپلىگەن ئەھۋاللار مەۋجۇت بولمىسا، ئۇلارنىڭ مۇنداق ئويغا كېلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئىنسانىيەت جۈملىدىن ئۇيغۇر تارىخى نۇرغۇن سىرلىق ۋەقەلەر بىلەن تولغان، بەلكى مۇراتنىڭ ئۆلۈمىمۇ ئەنە شۇ سىرلىق ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولسا كېرەك؟ (ئۈمىدۋار)
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.
