مۇرات ناسىروپنىڭ دېلوسىنىڭ خۇلاسىسى چىقىرىلدى
2007.03.25
20-يانۋار كۈنى موسكۋادا تۇيۇقسىز تۈردە قازا قىلغان رۇسىيىنىڭ ئاتاقلىق ئۇيغۇر ناخشىچىسى ۋە كومپوزىتورى مۇرات ناسىروپنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبى ھەققىدىكى ئىككى ئايدىن بۇيان داۋاملاشقان تەكشۈرۈشتىن خۇلاسە چىقىرىلىپ، مەزكۇر دېلونىڭ يېپىلغانلىقى ئېلان قىلىندى. بۇ ھەقتە رۇسىيىنىڭ "سەھەر" تورىنىڭ بەرگەن خەۋىرىدىن قارىغاندا، موسكۋا تەپتىش دائىرىلىرى مۇراتنىڭ ئۆلۈم سىرىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، مۇرات ناسىروپنىڭ ئۆلۈمىدە ھېچقانداق جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ ئىپادىلىرى بايقالمىغانلىقى، شۇڭا ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ جىنايى قىلمىش نۇقتىسىدىن قارالمىغانلىقىنى يەكۈنلىگەن.
تەپتىش ئورگانلىرى يەنە شۇ بۇرۇن ئېيتىلغاندەك "مۇرات ناسىروپنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى" نى خۇلاسىلىغان بولۇپ، مۇراتنىڭ قازا قىلىشتىن ئىلگىرى زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن زەھەرلەنگەن بولۇشى ۋە باشقا ئېھتىماللىقلارنىڭ ھەممىسى رەت قىلىنغان، چۈنكى، مۇراتنىڭ قېنىدىن زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ياكى ھاراق قالدۇقلىرى تېپىلمىغان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا تەپتىش دائىرىلىرى يۇقىرىقى ۋە باشقا ئەھۋاللارغا ئاساسەن مۇراتنىڭ يېقىنقى ۋاقىتلاردىن باشلانغان ئېغىر روھىي جىددىيلىكتىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىق يەكۈنىنى قۇۋۋەتلىگەن.
37 ياشلىق ئۇيغۇر ناخشا چولپىنى مۇرات ناسىروپنىڭ 20-يانۋار كۈنى موسكۋادىكى ئۆيىنىڭ بالكونىدىن چۈشۈپ كېتىپ تۇيۇقسىز قازا قىلىشى، ئىككى ئايدىن بۇيان رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا تۈرلۈك گۇمانىي ئىنكاسلارنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان. مەرھۇمنىڭ ئايالى، دوستلىرى، يېقىنلىرى ۋە ئاكىسى ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىغا ئىشەنمىگەم بولۇپ، بۇ پىكىرنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە.
مۇرات ناسىروپنىڭ ئۆلۈمىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىمۇ تۈرلۈك قىياسلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ كۆرۈنمەس كۆلەڭگۈلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى پەرەزلەرمۇ مەيدانغا چىققان. گەرچە، تەپتىش دائىرىلىرى مەزكۇر ئۆلۈم دېلوسىنىڭ ئاخىرقى خۇلاسىسىنى چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن كۆزەتكۈچىلەر مۇراتنىڭ ئۆلۈمىنىڭ يەنىلا بىر سىر سۈپىتىدە قېلىۋېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئالماتادا مۇرات ناسىروفنىڭ قىرىق نەزىرى بېرىلدى
- مۇرات ناسىروپنىڭ ئاكىسى مۇراتنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- مۇرات ناسىروپنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئالمۇتىدا كەڭ كۆلەملىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلىدۇ
- مۇرات ناسىروپنىڭ خانىمى مۇرات ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالدى
- مۇرات ناسىروپ ئۈچۈن نەزىرە ئۆتكۈزۈلدى