خىتايدا يۈز بەرگەن قار ئاپىتى خىتاي ئىقتىسادىغا زور تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن
-
2008-01-31 -
-
-
خىتاي دېھقانچىلىق ساھەسى رەھبەرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدا يۈز بەرگەن قار ئاپىتىنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ئىنتايىن ئېغىر بولغان بولۇپ، پەيشەنبە كۈنى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا قار ئاپىتىنىڭ خىتاينىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى مېۋە شۇنىڭدەك كۆكتات ئىشلەپچىقىرىشىغا يوقىتىش خاراكتېرلىك زىيانلار ئېلىپ كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خىتاي يېزا - ئىگىلىك ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدار مۇخبىرلارغا، نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلار ھەققىدە تېخى تولۇق ستاتىستىكىلىق مەلۇمات ئېلىپ بارالمىغانلىقىنى، ئەگەر قار ئاپىتى ئىزچىل تۈردە شىمالغا قاراپ يۆتكەلسە ھەمدە قىشلىق ئاشلىققا تەھدىت كۆرسەتسە، ۋەزىيەت تېخىمۇ يامانلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بەزى تور بەتلىرىدە بۇ قېتىمقى ئاپەتتە 77 مىليون كىشىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلىقى، 24 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ھەمدە ئاپەتنىڭ 5.4 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى زىيان ئېلىپ كەلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.
خىتاي مەركىزى ھاۋا رايى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسمى يەنە بىر قېتىم قەھرىتان سوغۇقنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدىكەن. ھازىر خىتاينىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىكى پويىز ئىستانسىسى ۋە ئايرۇپىلان ئىستانسىلىرىدا نەچچە يۈز مىڭلىغان ئادەم بارىدىغان مەنزىلىگە يېتەلمەي توسۇلۇپ قالغان. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنوبىي قىسمىدا يۈز بەرگەن ئاپەت يەرلىك خەلقلەرگە كۆپ زىيانلارنى سالغان بولۇپ، پەقەت قەشقەر ۋىلايىتىدىلا 65 مىليون يۈەنلىك ئىقتىسادى زىيان مەيدانغا كەلگەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا قار ئاپتى
- قاتتىق سوغاق بايىنغولىندا ئاپەت پەيدا قىلدى
- كۇچا يايلىقى قار ئاپىتىگە ئۇچرىدى
- ئۇچتۇرپان كەلكۈن ئاپىتىدە قالدى
- ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ھادىسىلەردە 200 مىڭغا يېقىن ئادەم ئاپەتكە ئۇچراپ 38 ئادەم قازا قىلغان
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تېكەس تەۋەسىدە يەر تەۋرەپ 27 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى
- بۈگۈر ناھىيىسىدە كان رايونىدا يۈز بەرگەن ئاپەتتە 11 كىشى ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن
- ئۇلۇغچاتتا يەر تەۋرىدى
- ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى تەبىئىي جۇغراپىيىلىك ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مەبلەغ ئاجراتماقچى
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىش پەسلىدە كۆرۈلۈۋاتقان ئىللىقلىق تەبىئىي ئاپەتلەردىن دېرەك بەرمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبى ئاز ئۇچرايدىغان قار ئاپىتىگە دۇچ كەلدى