قاراشەھەر ناھىيىسىدە چارۋىچىلار بىلەن مۇھاپىزەتچىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
2005.05.25
ئۇيغۇر ئېلى باينغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قاراشەھەر ناھىيىسى دەنزىل يېزىسىدىكى 30 دىن ئوشۇق چارۋىچى، ئۇلارنىڭ بۇ يەردىكى قۇمۇشلۇقتا قوي بېقىشىغا يول قويمىغان مۇھاپىزەتچى خادىملار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان.
گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، مەزكۇر خەۋەر "باينغۇلىن گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 19 - ماي كۈنى 30 نەچچە چارۋىچى مىڭغا يېقىن قوي-كالىنى بۇ يەردىكى قۇمۇشلۇقتا بېقىۋاتقان ۋاقتىدا، 8 نەپەر مۇھاپىزەتچى خادىم ئۇلارنىڭ قويلىرىنى قۇمۇشلۇقتىن قوغلاپ چىقارغان.
بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن چارۋىچىلار يېزىدىكى باشقا چارۋىچىلارنى چاقىرىپ كېلىپ، مۇھاپىزەتچى خادىملار بىلەن تۇتۇشۇپ قالغان ھەمدە ئارىسىدىكى ئىككى خادىمنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، دەنزېل يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى بەختىيار ئەلى، يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ خادىملىرى بىلەن بىللە نەق مەيدانغا كېلىپ، چارۋىچىلارغا بىرەر سائەتچە نەسىھەت قىلغاندىن كېيىن، چارۋىچىلار ئاندىن قايتىشقا قوشۇلغان.
بۇ يەردىكى چارۋىچىلارنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ قوي-كالىلىرىنى بېقىپ كەلگەن قۇمۇشلۇقلار بىر-بىرلەپ ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتايلارغا كۆتىرىگە بېرىلگەندىن كېيىن، چارۋىچىلارنىڭ بۇ يەردە مال ئوتلىتىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغان. شۇ سەۋەبتىن مەزكۇر رايوندىكى چارۋىچىلار ھازىر بۇ ئەھۋالدىن ئىنتايىن نارازى بولماقتا. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتىدىغان يەنە بىر تاشيول ياسىماقچى
- گۋاڭجۇدىكى توقۇنۇشتا يارىلانغان ئۇيغۇرلار ئەرز سۇنۇشنى پىلانلىماقتا
- گۋاڭجۇ شەھىرىدە ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن
- خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەردىن خوتەنگىچە تۆمۈر يول ياساشنى پىلانلىماقتا
- خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېكولوگىيىلىك كۆچمەنلەر قۇرۇلۇشى