ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ئىشلىرى داۋاملاشماقتا
2007.09.13
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان، خىتاينىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىستىراتېگىيىسى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىزچىل داۋاملاشماقتا.
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خوتەن ۋىلايىتىدىكى شەھەر - ناھىيىلەر، 9 يىللىق مائارىپنى تاماملىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى تاللاپ، ئۇلارنى بىر مۇددەت تەربىيىلىگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرى ۋە جېجياڭ ئۆلكىسىگە بېرىپ ئىشلەشكە تەشكىللىگەن.
يېقىندا يەنە ، كېرىيە ناھىيىسىدىن 103 كىشى جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى بىر خىتاي زاۋۇتىغا، گۇما ناھىيىسىدىن 50 كىشى شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى "يېخې" كىيىم - كېچەك تىكىش زاۋۇتىغا، خوتەن ناھىيىسىدىكى 45 كىشى يەنە جېجياڭ ئۆلكىسى " جىڭدۇڭفاڭ" زاۋۇتىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىشكە تېگىشلىك بىر ئىش ھېسابلانسىمۇ، لېكىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قىزلار دۇچار بولۇۋاتقان ھەر خىل ۋەقەلەر، كىشىلەرنىڭ مەزكۈر ئىستراتېگىيىگە بولغان گۇمانىنى قوزغىماقتا. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر ياش قىزلىرىنى ئاساس قىلغان ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ئۇيغۇرلارنى ئاسمىلىياتسىيە قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىشنى مەقسەت قىلغان دەپ كۆرسەتمەكتە.
يېقىندا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ، خىتاي ئۆلكىسىدىكى زاۋۇتتىن قېچىپ كەلگەن 5 نەپەر ئۇيغۇر قىزنىڭ كەچۈرمىشلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پەرەزلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن ئىدى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھاكىميىتىنىڭ ئاتالمىش " ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۈزلەندۈرۈش" سىياسىتىنىڭ سىرى
- ئۈرۈمچىدە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ھەققىدە چاپلانغان بىر خىتايچە ئېلان ئىنتېرنېتكە چىقتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە پاختا تېرىشكە بارغان كۆچمەن خىتايلارنى مۇكاپاتلىماقچى
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش سىياسىتى توسالغۇغا دۇچ كەلمەكتە
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى كۇچادا قىزلىرىنى قوغدىغان ئاتا - ئانىلارنىڭ بېسىقتۇرۇلغانلىقىنى ئەيىبلىدى
- سەنشىدىكى قارا خۇمداندا قۇل قىلىنغان ئادىلجان تېخىچە ئۆزىگە تېگىدىغان ئىش ھەققىنى ئالماپتۇ
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ماناس ناھىيىسىدە "قارا خۇمدان" پاش قىلىندى
- قۇمۇل شەھىرىدە ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىلانى % 87 ئورۇندىلىپ بولغان
- خىتاينىڭ ئۇيغۇر دېھقانلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتى ئىزچىل داۋاملاشماقتا