قوش تىل مائارىپ خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى


2007.07.31

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنى ئىزچىل كۈچەيتمەكتە.

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 5 ‏- قېتىملىق قوش تىللىق مائارىپ خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان بولۇپ، يىغىن خىتاي ئاز سانلىق مىللەتلەر قوش تىللىق ئوقۇتۇش تەتقىقات جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن، مەزكۈر يىغىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندا تۇنجى قېتىم ئېچىلغان قوش تىللىق مائارىپ خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھېسابلىنىدىكەن.

قوش تىللىق مائارىپ ۋە ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش دېگەن شۇئار بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسى بولۇپ، يىغىندا يەنە، 21 ‏- ئەسىردىكى قوش تىللىق مائارىپنىڭ تەرەققىيات ئالاھىدىلىكى ۋە يۈزلىنىشى، قوش تىللىق مائارىپ نەزىرىيىسى شۇنىڭدەك ئۇسۇلى قاتارلىق مەسىلىلەر خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن مۈتەخەسىسىسلەر تەرىپىدىن مۇھاكىمە قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئېلىدە " قوش تىل " مائارىپىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئالىي، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ھەتتا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە مەزكۈر مائارىپ تۈزۈلمىسىنى يولغا قويماقتا. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە " قوش تىل " مائارىپى دېيىلگەن بولسىمۇ ، ئەمما قوش تىلىنىڭ يەنە بىرى ھېسابلانغان ئۇيغۇر تىلى نۆۋەتتە ئۇيغۇر مائارىپىدا ناھايىتى ئاز قوللىنىلماقتا ھەتتا ، پۈتۈنلەي يوق بولۇپ كېتىش خەۋپكە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.

مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى " قوش تىل مائارىپى" دەپ چىرايلىق نام ئاستىدا، پەقەت بىر تىل قوللىنىشنى، يەنى خىتايدا ھۆكۈمران تىل ھېسابلانغان خىتاي تىلىنى قوللىنىشنى شەرت قىلغان بولۇپ، بۇ خىتاي چوڭ مىللەتچىلىكى بولۇپمۇ ، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى يوق قىلىش سىياسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.