خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى رابىيە قادىرنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى


2005.03.23

Group-Photo-rabiye.jpg
23-مارت كۈنى، رابىيە قادىر ۋە سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى بالىلىرى بىلەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان مۇراسىمدا. RFA/William Hart

مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 17 - مارت كۈنى تۇيۇقسىز قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئامېرىكىغا سۈرگۈن قىلىنغان ئاتاغلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنىڭ شەرىپىگە كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

چارشەنبە كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا دۆلەت مەجلىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئەرباپلار شۇنداقلا ۋاشىنگتوندىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئىشتىراك قىلدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى يولىدا كۆپ كۈچ چىقارغان شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىگە سەزگۈر مۇئامىلە قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بىرى.

كەچۈرۈم تەشكىلاتى رابىيە قادىرنى كۈتۈۋېلىش مۇناسۋىتى بىلەن يوللىغان تەكلىپنامىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "رابىيە قادىر قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى خىتايدىكى ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە مۇھىم تۆھپە قوشقان شۇنداقلا ئۇ " مىڭ ئانىلار ھەرىكىتى" نى قوزغاپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىزمەت بىلەن تەمىنلىگەن."

رابىيە قادىر 17 - مارت كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇيۇقسىز قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، شۇ كۈنى ئامېرىكىغا سۈرگۈن قىلىنغان. ئۇ، چىكاگو ئايدۇرۇمىدا " خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسلارنى ئازات قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش، مېنىڭ ئامېرىكىدا قىلىدىغان تۇنجى ئىشىم بولىدۇ،" دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ھازىر رابىيە قادىر قويۇپ بېرىلگەنلىكىنىڭ غەلىبە تەنتەنىسىنى ياشىماقتا. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.