رابىيە قادىرنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان نەۋرىسى سىياسى ئىنتىقامغا دۇچ كەلدى


2006.04.11
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنىڭ بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان بىر قىز نەۋرىسى يېقىندا مەكتەپ دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇيۇقسىز چاقىرتىلىپ، ئائىلىسىدە "سىياسىي جىنايەتچى" بار - يوقلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىر جەدىۋەلنى تولدۇرۇپ كېلىش ۋە مەھەللىسىدىكى ساقچىخانىدىن تامغا ئۇرغۇزۇپ كېلىش تەلەپ قىلىنغان.

ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رابىيە قادىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان نەۋرە قىزى دىلدار قاھار، بۇنىڭدىن 3 - 4 كۈن ئىلگىرى مەكتەپ دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇيۇقسىز چاقىرتىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئائىلىسىدە "سىياسىي جىنايەتچى" بار - يوقلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىر پارچە جەدىۋەلنى تۇتقۇزۇپ، ئۇنى تولدۇرۇپ كېلىش ۋە جەدىۋەلگە مەھەللىسىدىكى ساقچىخانىدىن تامغا باستۇرۇپ كېلىشنى تەلەپ قىلغان. رابىيە قادىر ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر دىلدار قاھار رابىيە قادىرنىڭ " سىياسىي مەھبۇس" ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسا ياكى بۇ جەدىۋەلنى تولدۇرۇشنى رەت قىلسا، ئۇ بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە كىرەلمەسلىكى مۈمكىن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 50 ۋە 60 - يىللاردا پۇقرالارغا سىنىپىى تەركىۋى بويىچە مۇئامىلە قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، پومىشچىكلار ياكى باي دىھقانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئالىي مەكتەپكە ئېلىشنى چەكلىگەن ئىدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رابىيە قادىر ئائىلىسىگە تۇتقان سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، بۇ ۋەقەنى خىتاي قانۇنلىرىغا ئاشكارا خىلاپ ۋە رابىيە قادىرغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي ئىنتىقام، دەپ ئەيىبلىمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى 6 - ئاپرىل كۈنى رابىيە قادىرنىڭ كىچىك ئوغلى ئالىم ئابدۇرېھىمنى نەنگۇەن ساقچىخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ سوراق قىلدى. دىلدار قاھاردىن جەدىۋەل تولدۈرۈشنى تەلەپ قىلىش ئالىم ئابدۇرېھىمنىڭ سوراق قىلىنىش ۋەقەسى بىلەن ئوخشاش بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.